Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 9-4-2010 05:29  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرزنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرۇشتا كېچىكسە تۆلەم تۆلەيدۇ، دەپ شەرت قىلىش:
قەرزنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرۇشتا كېچىكسە مەلۇم مەبلەغنى ياكى قەرز پۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ياكى باشقا نەرسىنى تۆلەم تۆلەشنى شەرت قىلىش جازانىدۇر.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-4-2010 14:09  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا ياردەم قىلىش:
ھارام جازانىگە ياردەم بەرگەن بولۇپ گۇناھتا شېرىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بىرەر كىشىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشىغا ياردەم قىلىش ھارامدۇر

ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خاتالىقىنى تونۇپ يەتسە، قانداق تەۋبە قىلىش كېرەك؟
قولىدىكى زۆرۈر بولمىغان بارلىق مۈلكنى سېتىپ بولسىمۇ قەرزنىڭ ھەممىنى تىزدىن قايتۇرۇۋېتىشى، چىن دىلىدىن پۇشمان قىلىش، كېلەچەكتە قىلىپ سالماسلىققا بەل باغلىشى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى زۆرۈر.

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Qarim ، ۋاقتى: 13-4-2010 14:17 ]





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 17-4-2010 01:57  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرزگە تېنىپ تۇرىۋالغان ئەھۋالدا ھەق داۋا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

قەرز بەرگەندە مۇمكىن قەدەر قەزرنى يا يازما ئىمزالىق ھۆججەت، ياكى ئىككى گۇۋاھچى ئارقىلىق مۇستەھكەملەپ قويۇش زۆرۈر. ئۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا قەرز ئالغۇچى قەرزنى ئالمىدىم دەپ تېنىۋالغان بولسا، قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدا بىرلا چارە قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئاشۇ قەرزنى ياكى پۇلنى ئالمىدىم، دەپ قەسەم قىلدۇرۇش. ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئاشۇنداق قەسەم قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭغا قارىتا باشقا قىلىدىغان چارە ياكى يول يوق.
ئەبۇ ۋائىل رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «كىمىكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلسا، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا ئۇچرىشىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇنى تەستىق قىلىپ: ]ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[(ئالى ئىمران سۈرىسى 77-ئايەت.)دېگەن ئايىتى چۈشۈردى. ئاندىن ئەشئەس ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە چىقىپ: ئەبۇ ئابدۇرراھمان سىلەرگە نېمە ھەدىس سۆزلەپ بەردى؟ دېۋىدى، بىز ئۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەشئەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ راست ئېيتىدۇ، ئۇ ئايەت مېنىڭ ھەققىمدە نازىل بولغان. مەن بىلەن بىر كىشى ئوتتۇرىسىدا بىر قۇدۇق ھەققىدە تالاش تارتىش بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارساق، رەسۇلۇللاھ ماڭا: «ئىككى گۇۋاھچىڭ كەلسۇن، بولمىسا ئۇ (يەنى دەۋا قىلىنغۇچى) نىڭ قەسىمى كۇپايە» دېدى. ئاندىن مەن: ئۇ قورقماستىن قەسەم قىلىۋېرىدۇ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «كىمىكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا ئۇچرىشىدۇ» دېدى. ئاندىن ئاللاھ بۇ سۆزنى تەستىقلاپ: ]ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، يەنە ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر.[(ئالى ئىمران سۈرىسى 77-ئايەت.) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 2515ـ 2516-ھەدىسلەر)
يەنە بىر ھەدىستە: (ئىسپات دېگەن داۋاگەرگە، قەسەم دېگەن تانغۇچىغا كېلىدۇ) دېيىلگەن.
ئەلۋەتتە قەرزنى دۇنيادا ئىسپاتلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغىنى بىلەن ئاخىرەتتە ھەممىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىدا قەرز ئالغۇچى ھېچ نەرسىگە تېنىپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قوللىرى ئالغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. نەتىجىدە ھەق ھەرگىز زايا بولمايدۇ.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 22-4-2010 22:42  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرز قالدۇرۇپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلەمدۇ؟

رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرزى بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ساھابىلارنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي باشقا ساھابىلارغا ناماز چۈشۈرۈشكە بۇيرىيتتى. قەرزى ئادا قىلىنىپ كەتسە ئاندىن ئۆزى نامىزىنى چۈشۈرەتتى.
ئەبۇ سەلەمە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا قەرزى بار ئادەمنىڭ جىنازىسى ئېلىپ كېلىنسە: «بۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇردىمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇردى، دېيىلسە، ئۇنىڭغا ناماز چۈشۈرەتتى. ئەگەر قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇرمىدى، دېيىلسە، مۇسۇلمانلارغا: «ھەمراھىڭلارغا ئۆزۈڭلار ناماز چۈشۈرۈۋېلىڭلار» دەيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھغا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەرگەندە: «مەن مۇئمىنلەرگە ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىگە بولىمەن. مۇئمىنلەر ئۆلۈپ قەرز قالدۇرسا، ئۇنى تۆلەش ماڭا، مال دۇنيا قالدۇرسا، ۋارىسلىرىغا» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5371-ھەدىس)
بۇنىڭدىن قەرزى بار ئادەمنىڭ نامىزىنى ئەھلى پەزلى، ئىمام قاتارلىق كىشىلەر چۈشۈرمەي، ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش پەرزى كىفايە.
ھەدىستە قەرزنى قايتۇرماسلىقنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنمىغان. شۇڭا قەستەن قايتۇرماي تۇرىۋالغان بولسۇن، ياكى ئىمكانىيىتى يەتمەي قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش. چۈنكى بۇنىڭدىن مەقسەت قەرزنى قايتۇرماي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ياكى ئىمام نەۋەۋىي دېگەندەك: كىشىلەرنى ھايات ۋاقتىدىلا قەرزلەرنى ئادا قىلىۋېتىشكە تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىكى ئىللەتنى قازى بەيزاۋىي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇرمىغان ئادەمنىڭ جىنازىسىغا ناماز چۈشۈرمەي تۇرىۋالغانلىقى بەلكى قەرزنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، قەرزنى قايتۇرماي سۆرەملىك قىلىشتىن توسۇش، ياكى ئۇنىڭغا قىلغان دۇئاسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى قايتۇرماي زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجابەت قىلىنماي قېلىنىشىنى يامان كۆرگەنلىكىدىن بولسا كېرەك".


[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Qarim ، ۋاقتى: 15-8-2010 04:20 ]





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 30-4-2010 01:13  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرز ئىگىسىنى تاپالمىغانلىقتىن قەرزنى قايتۇرالماي قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

             قېلىپ قالغان قەرز توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سوئالىم بارئىدى :
مەن نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئىككى بالىدىن ئازغىنە پۇل قەرز ئالغانىدىم ، ھازىر ئۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىشنى ئويلىدىم ، ئەمما  ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدىم .
مۇشۇ قەرز مېنىڭ دىلىمنى تا ھازىرغىچە يېرىم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .. مەن قانداق قىلسام بولا ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
    ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، پەيغەم[بىرىمىزگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ئالغان قەرزىڭىزنى قايتۇرۇشقا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەنگەن بولۇپ، قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە پۇل ئىگىسىنى ياكى ئائىلىسىنى خولۇم-خوشنىلىرى، دوست بۇرادەرلىرى، تۇرغان جايى ۋە ئىشلەيدىغان يەرلەردىن سوراپ، بىر يىل ئەتراپىدا ئىزدەيسىز، ئىزدەپمۇ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىسىڭىز، ئەگەر ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولسا قەرزنى مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىسىز، ئۆلگەنلىكىمۇ ئېنىق بولماي، ياكى مىراسخورلىرىنىمۇ تاپالمىغان ئەھۋالدا ئۇلارغا قايتۇرىدىغان قەرزنى شۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قەرز ئىگىلىرىگە ھەققىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
كېيىنچە پۇل ئىگىلىرى پەيدا بولۇپ سەدىقە قىلغانلىقىڭىزغا رازى بولسا ئىش تۈگەيدۇ، رازى بولمىسا، ئۇلارغا قەرزىنى قايتۇرىسىز، سەدىقە ساۋابى سىزگە بولىدۇ.
ئەگەر قەرز بەك چوڭ بولۇپ، پۇل ئىگىلىرى كېيىنچە چوقۇم ئىزدەپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، (ئۆلۈپ قالسام مەندە پالانىنىڭ مۇنچىلىك قەرزى بار) دەپ ۋەسىيەت يېزىپ ۋارىسلىرىڭىزنى بۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ سەل ئۇزۇنراق مۇددەت پۇلنى ئامانەت شەكلىدە ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىگىسىنىڭ پەيدا بولىشىدىن پەقەتلا ئۈمىت ئۈزۈلگەندە ئاندىن يۇقىرىقىدەك سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 10-5-2010 02:55  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرزنى قەستەن قايتۇرماي تۇرىۋالغان كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟

بوينىدىكى قەرزنى قايتۇرىدىغان ئىقتىسادى يوق كىشىگە مۆھلەت بېرىش لازىم. ياكى قەرزنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بىر قىسمىدىن ئۆتىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى پەزىلەتلىك ئىش.
بار تۇرۇقلۇق قايتۇرماي تۇرىۋالغان كىشى بولسا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ھەدىستە: (پۇلى بار كىشىنىڭ قەرزنى قايتۇرماي تۇرىۋېلىشى زۇلۇمدۇر) دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ زۇلۇمغا قارىتا ھەق ئىگىسى قولىدا بىر قانچە چارىلەر بار:
1-ئۇنىڭغا قوپال سۆز قىلىش. مەسىلەن: پۇلۇمنى بەرمەمسەن، ھەققىمنى قايتۇرمامسەن، قەرزنى يەۋالامتىڭ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىدى. ئۇ ئادەم كېلىپ رەسۇلۇللاھنى قوپاللىق بىلەن قىستىغان ئىدى، ساھابىلار ئۇنىڭغا تەگمەكچى بولىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، ھەق ئىگىسىنىڭ قاتتىق سۆز بىلەن سۈيلەش ھەققى بولىدۇ» دېدى.(بۇخارىي 2606-ھەدىس)
2-قازىغا شىكايەت قىلىپ ئۇنى تۇرمىغا سولىتىۋېتىش. چۈنكى ئۇ زۇلۇم قىلغان، زۇلۇم بولسا ھارام قىلىنغان ئىش. شۇڭا ئۇنى ئەدەبلەش يۈزىدىن بۇ ئىش جائىز بولىدۇ. ھەدىستە: «باي ئادەمنىڭ قەرزنى قايتۇرماي تۇرىۋىلىشى ئۇنى جازالاشنى ۋە تىللاشنى ھالال قىلىدۇ»‏‏. سوفيان مۇنداق دېدى: تىللاش: پۇلۇمنى كېچىكتۈرۈۋەتتىڭ، دەپ دوق قىلىشى، جازالاش: سولاپ قويۇشتۇر.(بۇخارىي مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-5-2010 02:01  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلىپ ئالغان پايدىنى قانداق پاكلايمىز؟

سۇئال:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئىككى كىشى شېرىكلىشىپ كارخانا قۇرۇپتۇ، بىر تەرەپ بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان ئىكەن، يەنە بىرەيلەن بۇ ئەھۋالنى شىركەتنى ماڭدۇرۇپ دەرمايىنى ئۈسكۈنىگە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىلىپتۇ، بۇ چاغدا ئامال يوق قىلىۋېرىپتۇ، بىر يىل بولغاندا ھېساۋات قىلىپ 30000 يۈۋەندىن پايدا ئاپتۇ،. ئەمدى مەن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان كىشى بىلەن شېرىك بولغاندىكىن پۇلۇمنىڭ پاك تۇرۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىم لازىم. جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
    ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان ۋە شۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن شېرىك ئىش قىلماقچى بولغان كىشى بىلەن شېرىك بولۇش جائىز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن شېرىك بولغان بولسا، بىلگەندىن كېيىن شېرىكچىلىكتىن ئايرىلىشى كېرەك، ئايرىلماي شېرىكچىلىك قىلىۋېرىپ ئاخىرىدا بۇ شېرىكچىلىكنىڭ نەتىجىسىدە پايدا ئالغان بولسا، بۇ پايدىغا ئۆسۈملۈك قەرزدىن كىرىپ قالغان ھارام پۇلنى مۇنداق تازىلىساق بولىدۇ:
ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇل ئومۇم سەرمايىنىڭ قانچە پىرسەنتىگە توغرا كەلسە، پايدىدىن شۇنچە پۇلغا تەۋە پايدىنى چىقىرىپ نامرات بىچارىلارغا بېرىۋېتىمىز. سۇئالدىكى ۋەقەلىكتە ھەر بىر شېرىك ئالغان پايدا 30000 يەندىن جەمئىي 60000 يەن، بۇنى ئومۇم سەرمايىگە تەقسىم قىلساق، ھەر مىڭ يەنگە قانچە يەندىن پايدا چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ، نەتىجىدە
ھېلىقى شېرىكنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇلىغا لايىق پايدىنى تەڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ھەر بىر شېرىك شۇنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىپ نامرات بىچارىلارغا بېرىۋەتسە بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان مەبلەغ 100000 يەن بولۇپ بۇنىڭدىن چىققان پايدا 10000 يەن بولسا، ھەر بىر شېرىك 5000 يەندىن چىقىرىپ نامرات بىچارىلارغا بېرىۋەتسە، قالغان 25000 يەننى ھالال دەپ خەجلىسە بولىدۇ.
ۋەيەنە تەۋبە قىلىش، بۇندىن كېيىن ئۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.


[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Qarim ، ۋاقتى: 13-5-2010 02:07 ]





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 20-5-2010 09:28  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
مىراس قالغان قەرز توغرىسىدا

سۇئال: ئەسسلالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئاللاھ ھەممىزگە سالامەتلىك بەرگەي!
ئاكام كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!)
ئاكام بۇ يىل 30 ياشتا ئىدى، تىجارەت قىلاتتى، ئاكام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، بىر كىشى ئاكامغا بەش يىلنىڭ ئالدىدا 50 مىڭ يۇەن قەرىز بەرگەنلىكىنى، شۇ قەرىزنى بىزنىڭ قايتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ ئۆيگە كەپتۇ. قولىدا ئاكام يېزىپ بەرگەن قەرىز ھۆججىتى يوقكەن، پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئاتا ئانىسى گۇۋاھلىق بىرىپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئاكامغا 50 مىڭ يۇەن قەرىز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مەرھۇم ئاكام ھايات ۋاقتىدا قەرزى بارلىقى توغرىسىدا ھېچ گەپ قىلمىغان ئىدى.
ئۇ كىشى ۋە ئاتا ئانىسى << ئاللاھ، گۇۋاھ بولسۇن، 50 مىڭ يۇەن قەرىز بەرگەنلىكىمىز راست، ئۇ چاغدا ئاكىللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بەك يېقىن بولغاچقا ھۆججەت ئېلىۋالماپتىكەنمىز.>> دىدى.
بىز بۇ قەرزنى قايتۇرىشىمىز كېرەكمۇ؟
قۇرئان ياكى ھەدىستە ۋاپات بولغۇچىنىڭ قەرز مۇئامىللىرىنى دەلىللەش ۋە قايتۇرۇش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
قېرىنداشلار، ياردەم قىلغان بولساڭلار!!!


جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
    ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئەسلىدە قەرزنى يېزىپ قويۇش ياكى گۇۋاھلىتىپ قويۇش ئارقىلىق ھۆججەتلەش ئاللاھ بۇيرىغان ئىش، بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغان ئەھۋالدا مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
ھازىر بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:
ئۇلار ئاكىڭىزغا قەرز بەرگەنلىكىگە دەلىل-ئىسپات (يا ھۆججەت ياكى گۇۋاھلىق) كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىسىنىڭ پايدىسىغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
ئۇلار ئىسپات كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن سىلەرگە قەسەم كېلىدۇ، سىلەر: ياق ئاكىمىزنىڭ ئۇنداق قەرزى يوق ئىدى ، دەپ قەسەم قىلالىساڭلار، ئۇلارغا قەرز قايتۇرمىساڭلار بولىدۇ. داۋا تۈگەيدۇ.
ھەدىستە: (ئىسپاتنى داۋاگەر كەلتۈرىشى كېرەك، قەسەم داۋا قىلىنغۇچىغا كېلىدۇ) دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئەمدى بۇ ئىشتا سىلەرمۇ كەسكىن بىلمىگەندىن كېيىن، داۋا قىلۇغچىلارنىڭ راستچىل ياكى يالغانچى بولۇش ئېھتىمالى بولغاندىن كېيىن، خاتالىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ داۋادا سىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ياخشى-ناچارلىق نامىغا، سالاھىغا، دىيانىتىگە قاراپ ئەگەر راستچىل بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولسا، ئۇلار دېگەن پۇلنى ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ ئاندىن بەرسىڭىز بولىدۇ. بەكلا پاسىق يالغانچى بولۇش ئېھتىمالى كۆچلۈك بولسا بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 3-6-2010 09:43  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
[قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كىشىدىكى قەرزىنى زاكاتقا چېقىۋەتسە بولامدۇ؟

قەرزگە بوغۇلۇپ فايتۇرالماي قالغان كىشىگە قارىتا يا ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىش، ياكى قەرزنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتىۋېتىش ئىسلام تەرغىپ قىلغان ئىشتۇر.
ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 280-ئايەتتە: ]ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.[ دېگەن.
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئاتىسى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدتە ئىبنى ئەبى ھەدرەددىن قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاۋازى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدە تۇرۇپ ئاڭلىغىدەك كۆتۈرۈلۈپ كىتىۋېتىدى، رەسۇلۇللاھ ئۆيىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ تۇرۇپ: «ئى كەئب» دەپ چاقىردى. كەئب: خوش، يارەسۇلۇللاھ! دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئېلىشىڭدىن مۇنچىلىكنى كۆتۈرىۋەت» دەپ يېرىمىغا ئىشارەت قىلدى. كەئب: بولدى، كۆتۈرىۋەتتىم يارەسۇلۇللاھ!  دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئىبنى ئەبى ھەدرەدگە: «تۇر، قەرزىڭنى ئادا قىلىۋەت» دېدى.(بۇخارى)
ئەمدى قەرزدار كىشى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، بەزى ئالىملار قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كىشىدىكى قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشىگە قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتكەنلىكىنى ئېنىق دېمىسىمۇ بولىدۇ.
ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار ھېسابلىۋەتسە بولمايدۇ، چوقۇم زاكاتنى نىيەت قىلىپ زاكاتنى قەرزدارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىشى كېرەك. دەپ قارىغان.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 15-6-2010 06:50  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قەرزگە تېنىپ يالغان قەسەم قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھلىقى:

يالغان قەسەم ئىچىش دېگىنىمىز بىرەر مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ياكى بىرەر كىشىنى رازى قىلىش ياكى ئۆزرە ئېيتىپ تۇرىۋېلىش ياكى مال-دۇنيا يەۋېلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى بىر ۋەقەنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ تۈردىكى قەسەم ئىگىسىنى دۇنيادا گۇناھقا، ئاخىرەتتە چۆمۈرىدىغان قەسەم بولغاچقا شەرىيئەتتە "يەمىين غەمۇس" يەنى ئىگىسىنى چۆمۈرىدىغان قەسەم دەپ ئاتالغان.
جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ]قەسەملىرىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا مىكىر ۋە خىيانەت ۋاستىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا قەدەملەر (ئىسلام يولىدا) مەزمۇت دەسسىگەندىن كېيىن تېيىلىپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار تۈپەيلى دۇنيادىلا يامان ئازابنى تېتىپ قالىسىلەر، يەنە سىلەرگە ئاخىرەتتىمۇ ئېغىر ئازاب باردۇر[ (نەھل سۈرىسى 94-ئايەت.)
يالغان قەسەم ئىچىش گوڭ گۇناھلار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. شەئبىي ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىشتۇر».(سەھىھۇل بۇخارىي 6675-ھەدىس)
بۇ ھەقتە يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ]ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[ (ئالى ئىمران سۈرىسى 77-ئايەت.)
يەنە: ]ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئەرزىمەس نەرسىنى تېگىشىۋەتمەڭلار! ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىسى سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر.[ (نەھل سۈرىسى 95-ئايەت.)
ئەبۇ ۋائىل ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ پۇل-مېلىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، قەستەن يالغان قەسەم ئىچىدىكەن، ئاللاھ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا ئۇچرىشىدۇ» دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇنى تەستىقلاپ: ]ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[ (ئالى ئىمران سۈرىسى 77-ئايەت.) دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە چۈشۈردى. ئارقىدىنلا ئەشئەس ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىرىپ: ئەبۇ ئابدۇرراھمان سىلەرگە نېمە ھەدىس سۆزلەپ بەردى؟ دېۋىدى، ئولتۇرغانلار: مۇنداق مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى، دېگەندە. ئەشئەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ ئايەت مېنىڭ ھەققىمدە نازىل بولغان. تاغامنىڭ ئوغلىنىڭ زېمىنىدا مېنىڭ بىر قۇدۇقۇم بار ئىدى، ئۇ تېنىپ تۇرىۋالغاچقا، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا دەۋا قىلىپ بارسام. رەسۇلۇللاھ ماڭا: «سەن ئىككى گۇۋاھچىنى كەلتۈر بولمىسا، ئۇ (يەنى دەۋا قىلىنغۇچى) قەسەم قىلىشى كېرەك» دېۋىدى، مەن: ئۇنداقتا ئۇ مېنىڭ دەپ قەسەم قىلىۋېرىدۇ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ پۇل-مېلىنى يەۋېلىش ئۈچۈن قەستەن يالغان قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇچرىشىدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 6676-6677-ھەدىسلەر)
بۇ قىلمىش ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا بۇنداق قەسەم ئىچكەن كىشىگە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە كاپپارەت يوق. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىمۇ كاپپارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەن. ئىمام شافىئي قاتارلىق ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە كاپپارەت بار.
كاپپارەت يوق دېگەنلىك بۇ كاپپارەتمۇ يۇيالمايدىغان ئېغىر گۇناھ دېگەنلىكتۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن يالغان قەسەم ئىچىپ سالغان ئادەم بۇ قىلمىشىنىڭ گۇناھىدىن كاپپارەت بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلالمايدۇ، پەقەتلا سەمىيمىي تەۋبە قىلىش، مەغپىرەت تىلەش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش، زۇلۇم قىلغان بولسا زۇلۇمنى قايتۇرۇش ئارقىلىقلا پاكلىنىدۇ.
ئادەتتە قەرزگە تانغاندا، ھەق داۋا قىلىشقاندا، ئېلىم-سېتىم قىلىشقاندا يالغان قەسەم قىلىش كەڭ تارقالغان ئېغىر گۇناھلاردىن بولۇپ، يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى تەھدىت بۇ قىلمىشنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان چوڭ گۇناھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يالغان قەسەمنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى تەكىتلەيدۇ.
يەنە ھەسەن دەرىجىلىك بىر ھەدىستە: "يالغان قەسەم دىيارلارنى تۈپتۈز قىلىپ تاشلايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ يالغان قەسەمنىڭ دۇنيادىكى نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا يالغان قەسەم ئىچكەن كىشىنىڭ ئائىلىسىنى توزۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلاشتۇرۇپ، قولىدىكى مال-دۇنيانى يوقىتىۋېتىدۇ.
شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋالدا يالغان قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 28-7-2010 05:23  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇلنى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەرسە ئېلىشقا بولامدۇ؟
سۇئال: بىر كىشى ماڭا مەلۇم مىقتار پۇلغا قەرزدار بولۇپ، ئۇ كىشى بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ ماڭا قەرزىمنى قايتۇرماقچى بولدى، مەن قەرزىم ئۈچۈن ئاشۇ پۇلدىن ئالسام بولامدۇ؟
جاۋاب: قەرزىڭىزنى بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ قايتۇرماقچى بولسا قوبۇل قىلىپ ئالسىڭىز بولىدۇ. ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان گۇناھ ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 15-8-2010 04:18  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
بىرسىنىڭ قەرزىگە تېنىۋالغان ياكى قەرز مىقتارىنى قەرز ئىگىسىدىن يوشۇرغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا قانداق قىلىشى كېرەك؟
بۇنداق ئەھۋالدا قەرزنى دەرھال تۆلىۋېتىش كېرەك. دەرھال تۆلىيەلمىسە ئىمكانىيەت بولغان ھامان تۆلىۋېتىش لازىم. ئەگەر قەرز ئىگىسىگە سىزنىڭ قەرزىڭىزگە تېنىۋالغان ئىدىم، ياكى قەرزىڭىز بارلىقىنى يوشۇرغان ئىدىم، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، ياكى ھېساۋاتنى قايتا تەكشۈردۈم، خاتا بولۇپ قاپتىكەن، مەندە مۇنچىلىك پۇلىڭىز باركەن دېيەلىسە تېخى ياخشى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېنىق دىيەلمەيدىغان بولسا، توي-تۆكۈن ياكى مېھماندارچىلىقتەك بىرەر مۇناسىۋەتتە ئىگىسىگە ھەدىيە سۈپىتىدە بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىۋەتسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 8-9-2010 20:51

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri