تېمىسى: "ئىنجىل" دېگەن سۆزگە چۈشەنچە
Munber (ئا.بۇلاق)
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 3
نادىر تېمىلار 1
جۇغلانما 320
يازما 287
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 9-1-2006
ھالىتى توردا يوق
"ئىنجىل" دېگەن سۆزگە چۈشەنچە

ئىنجىل: ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھتىن نازىل بولغان كىتابنىڭ ئىسمى. اﷲ دىن نازىل بولغان ئەسلى نۇسخىسى ھازىر كىشىلەر قولىدا مەۋجۇت ئەمەس بەلكى خرىستىئانلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلىلا كېيىنكى دەۋرلەردە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نۇرغۇن ئىنجىللار بار بولۇپ بۇلاردىن تۆۋەندىكى تۆت ئىنجىل مەشھۇردۇر: ”ئىنجىل مەتتا“، ”ئىنجىل مورقۇس“، ”ئىنجىل لوقا“، ”ئىنجىل يۇھەننا“. ھازىر يۇقىرىقى تۆت ئىنجىل بىلەن بىللە جەمئىي 27 ئىنجىيل ”يېڭى ئەھدە“ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن بىرىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئىنجىل ئىكەنلىكى ئىلمىي يول بىلەن سابىت بولمىغان.

چوققا
Nur
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 635
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 142
يازما 140
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 25-3-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 16-4-2006 09:14  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
<< خوش خەۋەر >> دىگىنى ئىنجىلنىڭ ئىسمىمۇ ياكى بىرەر قىسىمىنىڭ ئىسمىمۇ ؟

چوققا
@=Yar^Kin=@
ئىشەنچلىك ئەزا
Rank: 3Rank: 3


UID 1154
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 488
يازما 451
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 30
تىزىملاتقان ۋاقىت 14-7-2006
ئورنى شىنجاڭ-قە
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 27-8-2006 06:16  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمۇتۇللاھ!

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم مۇنبەر، نەسارالار بۇ ئىنجىلنى كۆپەيتىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ بۇلار زۇلۇمدا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاركەن!





چوققا
asadulla17
رەسمىي ئەزا
Rank: 2



UID 283
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 97
يازما 93
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 10-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 27-8-2006 06:46  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  QQ
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ئەلۋەتتە باتىلنى ھەققە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ!
مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم ، قۇرئان كەرىيم، قۇرئان مەجىيد، قۇرئان ئەزىيم، بۇلارنى چۇ شىنەلمىدىم!





!!!
چوققا
Nur
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 635
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 142
يازما 140
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 25-3-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 9-5-2009 06:41  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
مېنىڭ سۇئالىمنى ھېچكىم بىلمەمدىغاندۇ

چوققا
yaxna (ئاللاھ رازىلقى ئ ...)
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8


UID 2497
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 680
يازما 678
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 12-5-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 11-6-2009 05:55  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  QQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

مۇنبەر قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت،قالغان 27ئىنجىلنىڭ ئىسىملىرىنى قايسى كىتاپتىن بىلگىلى بۇلىدۇ.





چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 11-6-2009 07:58  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
دىن ۋە مەزھەپلەر ئىنسكلوپىدىيىسى دېگەن كىتابتا بار ئىدى.
يېڭى ئەھد 27 كىتاب، كونا ئەھد 39 پارچە كىتابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيادا جەمئىي 300دىن ئارتۇق نۇسخىسى بار.
مانا ماۋۇلار ئىنگلىزچىدىكى ئىسىملىرى:
    * Matthew
    * Mark
    * Luke
    * John
    * Acts
    * Romans
    * 1 Corinthians
    * 2 Corinthians
    * Galatians
    * Ephesians
    * Philippians
    * Colossians
    * 1 Thessalonians
    * 2 Thessalonians
    * 1 Timothy
    * 2 Timothy
    * Titus
    * Philemon
    * Hebrews
    * James
    * 1 Peter
    * 2 Peter
    * 1 John
    * 2 John
    * 3 John
    * Jude
    * Revelation

مۇنبەر قېرىندىشىمىز ئەرەبچىدىكى ئىسىملىرى بويىچە دەپ بەرگەن ئىكەن، مەن ھەممىسىنىڭ ئەرەبچىسىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا يەنە ئىزدىنىپ كۆرەي.





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
tevekkulqi
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 3996
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 122
يازما 120
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 18-1-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 11-6-2009 15:03  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 


QUOTE:
ئەسلى يوللىغۇچى: Nur ، ۋاقتى: 16-4-2006 09:14  
> دىگىنى ئىنجىلنىڭ ئىسمىمۇ ياكى بىرەر قىسىمىنىڭ ئىسمىمۇ ؟

ئۇيغۇرچە «خوشخەۋەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغىنى شۇ 《四大福音》 دەپ ئاتالغان 4 كىتابتىن ئىبارەت.
يەنى

《圣经》分为旧约全书和新约全书两部分。新约全书是由,马可、马太、路加和约翰四部福音书组成。马可、马太、路加和约翰四部福音书,是保存下来,有关耶稣生平的早期记载


بۇ تۆت كىتاپ شۇ كىتابنى يازغۇچى شەخسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، (تۈركچە تەلەپپۇز بىلەن ئاتىساق) ماتتا، ماركۇس، لۇكا ۋە يۇھەننا ئىنجىلىدىن ئىبارەت.  مىلادى 325-يىلى پادىشاھ كونستانتىن خرىستىيان دىنىغا كىرىپ، بۇ دىن رەسمىي ئۇچۇق ئاشكارا دىن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققاندا خەلق ئارىسىدا 2000 پارچىدىن ئارتۇق ئىنجىلنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان. 381-يىلدىن 551-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تەۋھىد ئېتىقادىغا دۆلەت ھېمايىسىدە ئەڭ مۇھىم دىنىي قۇرۇلتايلاردا نوپۇزلۇق دىنىي زاتلار تەرىپىدىن  قاتتىق زەربە بېرىلىپ، «ئۈچلۈك» ئېتىقاد رەسمىي مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئېتىراپ قىلىدىغان ئىنجىللارنىڭ سانىمۇ قىسقارتىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۈچلۈك» ئىدىيىسىگە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىرى ساقلاپ قېلىنىپ، باشقىسى كۆيدۈرۈپ يۇقىتىلغان.
سىز دېگەن «خوشخەۋەر» ئىنجىلىنىڭ بىرىنچىسى «ماتتا» ئىنجىلىنى ئاتالمىش ھاۋارى ماتتا مىلادى 65-100-يىللار ئارىسىدا قەلەمگە ئېلىپ يازغان. ئورنى سۈرىيە، ئانتاكيا (ھازىر تۈركىيە ئىچىدە) ياكى يۇنانىستاندا دەپ قارالماقتا.
ئىككىنچىسى «ماركۇس» ئىنجىلىنى سانت پائۇلنىڭ يېقىن دوستى ماركۇس يازغان. ئۇنىڭ تەخمىنەن 62-يىلى ئۆلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ رۇم، سىپروس، ئىسكەندىرىيە (ھازىر مىسىردا)، قاتارلىق جايلاردا دىن تارقاتقان.
ئۈچىنچىسى «لۇكا» ئىنجىلىنى يەنە شۇ پائۇلنىڭ ئەگەشكۈچىسى لۇكا 70-100-يىللار ئارىسىدا يازغان. تىلى يۇنانچە.
تۆتىنچىسى «يۇھەننا» ئىنجىلىنى ئاتالمىش ھاۋارى يۇھەننا يازغان.
ئەمىلىيەتتە، ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن تەۋھىد دىنىنى بورمىلاشتا، ھازىرقى «ئۈچلۈك» ئېتىقادىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ زور رول ئوينىغان كىشى يەھۇدى Saint Paul پائۇل. ئۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، چۈشىدە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ «ھاۋارى» بولغان ۋە كېيىن ئىنتايىن ئاكتىپ بىر دىن تەشۋىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلى دىندىكى نۇرغۇن پەرزلەرنى ئۆزگەرتىپ،ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پەتىۋا چىقارغان. بۇ تېمىنى يوللىغۇچى مۇنبەر باشلىقى خرىستىيانلارنىڭ «يېڭى ئەھدە» كىتابىنىڭ 27 كىتابتىن تەركىپ تاپقانلىقىنى يېزىپتۇ. بۇ 27نىڭ ئىچىدە 21 پارچىنى پائۇل يازغان. ئىسمى «پائۇلنىڭ مەكتوبلىرى».  
مەن خىرىستىيانلارنىڭ Holy Bookمۇقەددەس كىتاپ دەپ ئاتايدىغان زىددىيەتلىك ئىنجىلىنى ئوقۇپ،  بىزنىڭ قۇرئان-كەرىمنىڭ قىممىتىنى، ئىلاھىي ۋەھيى مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىدىم.

چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 11-6-2009 16:12  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
تەۋەككۈلچى قېرىندىشىمنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ قويسام، ئەينى چاغدا ئىنجىل نۇسخىلىرىدىن قىسقارتىلغاندىن كېيىن قالغىنى 300 خىل. بۇ 300 خىل ئىنجىل ھەممىسى دۇنيادا ساقلىنىۋاتىدۇ.
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمۇ يۇقارىكى تۆت خىل ئىنجىلدىن باشقا يەنە 25خىل يېڭى ئەھد ۋە 39 خىل نۇسخىدىكى كونا ئەھد.
خىرىستىئانلار بۇ ئىنجىللار بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەربىرىدە بىر-بىرىگە زىت نۇقتىلار لىققىدە تولۇپ يېتىپتۇ.
ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغىنى ھەممىسىدىن ئېلىنغان ئەبجەش نۇسخىسى.
يەنە قوشۇمچە قىلساق، ئەينى ۋاقىتتا رىم ئۈچلۈك ئېتىقادىنى بېكىتكەن ۋە شۇنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۈچلۈك ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمايدىغان خىرىستىئانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مىسسىيونېرلار بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تەۋھىد ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك، ئۈچلۈك ئېتىقادى بويىچە دەۋەت ئېلىپ بارىدىغانلىرى ئازراقكەن.
ئىنجىلنىڭ بەزى نۇسخىلىرى قۇرئان ئايەتلىرىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ، مەيلى تېكىستنىڭ مەزمۇنى ياكى شىئېرىي مىسرالار شەكلىدە يېزىلىشى بولسۇن. لېكىن بۇ خىل ئىنجىللار پاپىنىڭ مەخپىي ساندۇقىدا ساقلاغلىق. بۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىك قىلىپ ساقلاۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ تونۇشتۇرغان ئىدۇق.....





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
tevekkulqi
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 3996
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 122
يازما 120
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 18-1-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 11-6-2009 22:36  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 


QUOTE:
ئەسلى يوللىغۇچى: mastura ، ۋاقتى: 11-6-2009 16:12  
تەۋەككۈلچى قېرىندىشىمنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ قويسام، ئەينى چاغدا ئىنجىل نۇسخىلىرىدىن قىسقارتىلغاندىن كېي ...ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمۇ يۇقارىكى تۆت خىل ئىنجىلدىن باشقا يەنە 25خىل يېڭى ئەھد ۋە 39 خىل نۇسخىدىكى كونا ئەھد....

مېنىڭ بىلىدىغىنىم: ھازىرقى «يېڭى ئەھدە»  New Testamentمەستۇرە قېرىندىشىم سىز يۇقىرىدا 7-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا تىلغا ئالغان 27 كىتاپتىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە 4 كىتاپ (ماتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا) ئۇيغۇرچىغا «خوشخەۋەر» ئىنجىلى دەپ تەرجىمە قىلىنغان. قالغان 23 كىتاپ ئىچىدىكى بىرى Acts (رەسۇللەرنىڭ ئىشلىرى)، 21 مەكتۇپ (بۇنىڭ ئىچىدە پائۇلنىڭ يازغىنى ئەڭ كۆپ، ئاندىن قالسا بارنابا ۋە ياكۇبنىڭ يازغان مەكتۇبى) ۋە Revelation (ۋەھيى) دىن تەركىپ تاپقان.
«كونا ئەھدە» Old Testamentدەپ خرىستىيانلار ھازىرقى The Holy Bibleنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئوقۇيدىغىنى 39 كىتاپتىن تەركىپ تاپقان. بۇ 39 كىتابنىڭ ئىچىدە 24 پارچىسىنى يەھۇدىيلار بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمىز دەپ ئېتىراب قىلىدۇ. باشقا 14 كىتابنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئېۋانگەلىك خرىستىيانلار، پروتەستان خرىستىيانلار .....ئورتوكىسلار، كاتولىكلەر .... ئوتتۇرىسىدا بۇ 39 كىتاپ سانى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار. يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىيانلار  ۋە باشقا مەزھەپلەر تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنىدىغان 24 كىتاپ (يەھۇدىيلار «تاناھ» دەپ ئاتايدىغىنى) ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ،  بۇنىڭ بىرىنچى قىسمى «تورا» 5 كىتاب (Genesis (يارىتىلىش)، Exodus (مىسىردىن چىقىش)، Leviticus(يەھۇدىيلارنىڭ شەرىئىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كىتابتا)، Numbers/Bamidbar  (مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدا يەھۇدىيلارنىڭ چۆلدىكى ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاب) ۋە Deuteronomi/Devarim)دىن تەركىپ تاپقان. ئىككىنچى  «نەبىئىم» (پەيغەمبەرلەر)، ئۈچىنچى قىسمى «كەتۇبىم» (يازمىلار)، بۇنىڭدا بىز «زەبۇر» دەپ ئاتايدىغان «مەزمۇرلار»، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسەللىرى... قاتارلىق مەزمۇنلار بار.   
يەنە ھازىر دۇنيادا يۇقىرىدىكى 27 ۋە 39 كىتاپتىن تۈزۈلگەن The Holy Bible ئىچىگە ئېلىنمىغان نۇرغۇن ئىنجىللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلامغا يېقىنراق بولغىنى «توماس ئىنجىلى» ۋە «بارنابا ئىنجىلى»، بۇلارنى خرىستىيان ۋە كاتولىكلەر «ساختا» دەپ تۇرۇۋېلىپ قەتئى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ.
(«ئىنجىل» توغرىسىدا ئىلگىرى دەرستە ئوقىغانلىرىمدىن ھازىر ئېسىمدە قالغانلىرى مۇشۇنچىلىك، بەزى گەپلەر تەكرار بولۇپ قالغان بولسا، ئەپۇ قىلغايسىلەر.)

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 8-9-2010 20:59

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri