mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 16-12-2009 14:45  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ناسارانىڭ ھېيتى

بۇ كىچىككىنە بىر ھېكايە، ئاڭلىغاندىن كېيىن ئويلىنىپ كۆرۈڭ:

بۈگۈن قۇربان ھييت كۈنى، جورجنىڭ ئائىلىسى بۇ كۈننى سۈننەتكە لايىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ناھايىتى ئالدىراش تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى. ئايالى ھەرخىل تاتلىق-تۈرۈملەرنى پىشۇردى، بالىلىرى يۇيۇنۇپ تاراندى، جورج بىلەن ئوغلى ئىككىسى قۇربانلىققا لايىق قوشقار سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار شەھەر سىرتىغىراق ئورۇنلاشقان ئەركىن بازارغا قاراپ يول ئالدى، چۈنكى پەقەت مۇشۇ يەردىلا تىرىك قوي سېتىۋالالايتتى.
  ئۇلار بازارغا كېلىپ، بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن، چوڭ بىر قوشقارغا كۆزى چۈشتى ۋە شۇنى سېتىۋالدى. قوشقار سۈننەتتە تەرىپلەنگىنىگە لايىق، پۇتلىرى جانلىق، كۆزلىرى ۋە قۇلاقلىرى ياخشى، ھېچبىر ئەيىبتىن خالىي ئىدى. يولدا ماڭغاچ جورجنىڭ ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن قىزى خوشال ھالدا دادسى ۋە ئاكىسىغا ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
--دادا، ھېيت نېمىدىگەن ياخشى ھە! قۇربانلىق قىلساق، ھېيتلىق يېڭى كىيىملىرىمىزنى كىيسەك، تاتلىقلارنى يېسەك، نېمىدىگەن ياخشى ھە! دادا، مەن بۇ يىل 7 ياشقا كىردىم. مۇشۇ ھېيتتىن باشلاپ ئەمدى ھىجابقا كىرىمەن ھە؟! پاھ، ھېيت بولسا نېمىدىگەن ياخشى!
ئۇلار ئۆيىگە كېلىشىگە ئايالى ئىچكەركى ئۆيدىن چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە يولدىشىغا قاراپ:
--مەن ھازىر كىتابتىن كۆردۈم، قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلىدىكەنمىز، بىر ئۈلۈشىنى نامراتلارغا، قۇربانلىق قىلالمىغانلارغا بېرىدىكەنمىز، يەنە بىر ئۈلۈشىنى خوشنىلىرىمىز ئېلزابېت ۋە سارالارغا بەرسەك بولغۇدەك، يەنە بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىمىز ئېلىپ قېلىپ يەيلى، شۇنداق قىلساق سۈننەتكە لايىق ئىش بولغۇدەك.
ئۇلار قوينىڭ بېشىنى ئۆزلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دەپ پەرەز قىلغان تەرەپكە قاراتتى ۋە سۈننەت بويىچە سويۇپ، قوينى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈپ تەييار قىلدى. بۇ چاغدا جورج سائىتىگە قاراپ جىددىيلىشىپ كەتتى:
--تېز بولۇڭلار، بۈگۈن يەكشەنبە، چېركاۋغا بېرىشىمىز كېرەك. ئىشنى تېزرەك تۈگىتىڭلار، چېركاۋدىكى ۋەز-نەسىھەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويمايلى......

ھېكايە بۇ يەرگە كەلگەندە بەلكىم قېرىنداشلار ھەيران قېلىشى، سىز دەۋاتقان جورج مۇسۇلمانمۇ ياكى ناسارامۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. جورج ئەلۋەتتە ناسارا، ھېچقاچان چېركاۋنى قولدىن بەرمەيدىغان تەقۋا خىرىستىئانلاردىن ئىدى.....

ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ، دەپ سورىغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟
بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ناسارالارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە باشقا كافىرلارنىڭ بايراملىرىنى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئاشۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا ھېچ ھەيران قالمايسىزۇ، بىر ناسارانىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە نېىشكە شۇنچە ھەيران قالىسىز؟

يەنە بىر ھېكايە

ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىزنىڭ زامانىدا كىشىلەر ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا كەلدى:

--ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن، بۈگۈن بىز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بىر جامائە كىشىنى تۇتۇۋالغان ئىدۇق، ئۇلارنى دەررىلەيلى دەپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كىشى بار ئىكەن، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ھېچ بىلمىدۇق.

--نېمە ئۈچۈن؟--دەپ سورىدى، ئەمىرۇلمۇئمىنىن.

--چۈنكى ئۇ كىشى ھاراق ئىچمىگەنكەن، يەنە كېلىپ روزىدار ئىكەن.

--ئەنە شۇ كىشىنى تۇنجى بولۇپ دەررىلەش كېرەك. ئەجىبا ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشىگە ئۇنداق سورۇندا نېمە بار؟

قېنى ئويلىنىپ كۆرەيلى، بۈگۈن بىز ئىمان دەۋاسى قىلىمىزۇ،  ئۆزلىرىمىزگە باھانە تېپىپ ئەنە شۇنداق ھارام «بايرام»لارغا، تۇغۇلغان كۈن سورۇنلىرىغا، ۋە يەنە باشقىچە دىندا چەكلەنگەن سورۇنلارغا قاتناشساق، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئالدى بىلەن بىزنى رەسۋا قىلماسمۇ؟......





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 17-12-2009 20:42  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بۈگۈن ھىجرىيە كالېندارى بويىچە مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەن، ئاڭلىسام جىق قېرىنداشلار بىر-بىرىنىڭ بۇ «يېڭى يىلى» نى تەبرىكىلىشىۋېتىپتۇ. ھارامنى بىرنى يوقىتىشقا تىرىشساق يەنە بىرنى پەيدا قىلمىساق ياخشى بولاتتى. دىندا بولمىغان ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا ئالدىرىماي ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۆگەتكەننى قىلىشقا ئالدىرىساقچۇ!





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
yamgur1
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8230
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 11
يازما 9
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 28-9-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-12-2009 02:54  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ھىجرىيە يېڭى يىلنى تەبرىكلەشنىڭ «ھاراملىقى»نىڭ دەلىللىرىنى ئاڭلاپ باقساق.

چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-12-2009 10:26  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
قارىسام تور بېتىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولغانىكەنسىز. قارىغاندا تور بېتىمىزنىڭ خارەكتېرى ھەققىدە ئانچە بىلىپ كەتمىگۈدەكسىز. بىزنىڭ تور بېتىمىزدە ھەممىلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ پىكرىنى خالىغانچە سۆزلەش ھوقۇقى بېرىلگەن ئەمەس، پەقەت سۆزلىگىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە لايىق بولغاندىلا ئاندىن تەستىقلاپ چىقىرىلىدۇ. بۇ يەردە ئىسلامدىن ئۆزگە ھېچ نەرسىگە ئورۇن بېرىلمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئىسلام دېگەن ئاتالغۇنى كەڭرىلىكىنى بىلسىڭىز كېرەك، ھەم ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى ھېچ بىلمىسىڭىز كېرەك. شۇڭا ئىككىنچى ئىنكاسىڭىز ئۆچۈرۈلدى. بۇ ئىنكاسىڭىز سەۋەبلىك بەزىلەرنىڭ كاللىسى قايمۇقتۇرۇلسا قىيامەت كۈنى بىز ھېساب بېرەلمەي قالىمىز.
سىز ھىجرىيە يېڭى يىلىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز تىلغا ئالغان ئىكەنسىز. بىدئەت دېگەننىڭ نېمىلىكى، بىدئەتنىڭ ھالال بولىدىغان يەرلىرى ھەققىدە ئۆزىڭىز چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-12-2009 10:40  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەگەر ھەممىلا كىشى مىلادىيە يېڭى يىلىنىڭ ئورنىغا ھىجرىيە كالېندارىنى دەسسىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىش بولسا، ھەممىلا كىشى دىن بارىسىدا «پېقىرنىڭ كۆز قارىشى» نى سۆزلەيدىغان ئىش بولسا، ئاللاھ بۇ زېمىنغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپ بىزگە دىن ئۆگىتىشىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
ئەگەر دەۋاتقىنىمىزنى توغرا، دەپ چىڭ تۇرۇۋالساق، ھېچبىر مۇپتىگە ئېھتىياجىم يوق، ۋە ياكى مەن ئۆزەم مۇپتىتىم، دەۋالساق، رەسۇلۇللاھ ئېيتقان «ئۆزىگە دوزاختىن بىر كىشىلىك ئورۇن تەييارلاپ قويۇپتۇ» دېگەنلەردىن بولۇپ قالمايمىز، دېيەلمەيمەي تۇرالمايمەن.....
سىزگە بىر چۈشەنچە: دىن توغرىسىدا بىلگەننى سۆزلەش، بىلمىگەننى جىم تۇرۇپ ئاڭلاش كېرەك. قارىسام تېرىنى مەسچىتكە زاكات دەپ بېرىش ھەققىدىمۇ ئازراق رەنجىگەن ئىكەنسىز. زاكات دېگەن نېمە؟ ئۇ كىملەرگە پەرز؟ كىملەرگە بېرىلىدۇ، دېگەن ئەڭ ئاددىي مەسىلىنى كاللىڭىزدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ. مال-مۈلكىنى ھېسابلاپ كۆرمەيلا، بىر قوينى ئۆلتۈرسە شۇنىڭ تېرىسىنى زاكات دەپ ھېساپلاپ، ئاللاھ ھېچقاچان بېرىشكە بۇيرىمىغان (سۈرە تەۋبىنىڭ 60-ئايىتىنى ۋاقتىڭىز يەتسە بىر ئوقۇپ قويۇڭ) مەسچىتكە بېرىش بىلەن زاكىتىم ئادا بولدى دەيدىغان ئەخمەقلىقنى تۈگىتىش، مىلادىيە يېڭى يىلىنىڭ ئورنىغا ھىجرىيە يېڭى يىلنى دەسسەتتىم، دەيدىغان «ئىلگىرىلەش» كە قارىغاندا ھەقىقىي ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ.
خەنزۇلاردا 言多必失دەيدىغان بىر گەپ بار. ئاللاھۇ تائالا يىپنى تاكى قىيامەتكىچە ئۇزۇن قويۇۋەتكەچكىلا دىن بارىسىدا نېمە دېسە بولۇۋېرىدىغان ئىش يوق. بۇ دىندا ھەممە نەرسىگە جاۋاب چىقىپ بولغان. ھەزرىتى جالالىدىن رۇمى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىلىم ئېلىپ تەپەككۇر قىلماسلىق ئىسراپچىلىق، تەپەككۇر قىلىپ بىلىم ئالماسلىق ئازغۇنلۇق». ئالدى بىلەن يەككە مەسىلىلەردىن تارتىپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىنىپ جاۋاب تېپىشقا تىرىشىش، تەپەككۇر بىلەن بىلىم ئېلىشنى تەڭلا يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، يوقالغان بىر سۈننەتنى قايتا بەرپا قىلىشنىڭ ساۋابى قانچىكى چوڭ بولسا، يوق بىر بىدئەتنى پەيدا قىلىشنىڭ گۇناھى ھەم ئاجايىپ چوڭدۇر. ئاللاھ بىزنى سىراتەل مۇستەقىمدە قىلغاي، ئامىن!





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
yamgur1
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8230
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 11
يازما 9
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 28-9-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-12-2009 12:07  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
مەستۇرە، مەن سىزنىڭ «مۇستەبىت» ئىكەنلىكىڭىزنى، يازمىنى چالا ئوقۇپلا كىشىگە «تۆھمەت» چاپلاشقا ئاران تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم. مەن نەدە «جامىگە تېرىنى زاكات بەردۇق» دەپ يېزىپتىمەن؟! جامىگە زاكات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىدىن ساۋادى بار بىر مۇسۇلمانمەن. زاكات بېرىلىشكە تېگىشلىك 8 تۈرلۈك كىشىدىن خەۋىرىم بار. قۇرئان ئوقۇيدىغان بىر مۇسۇلمانمەن. ئەلھەمدۇلىللاھ.  
سىزنىڭ بۇ مۇنبىرىڭىزگە مېنىڭ بىر يازمامنى ئوقۇپلا «كاللىسى قايمۇقۇپ كېتىدىغان ئاجىز» مۇسۇلمانلار كىرەمدۇ؟  ئۇلار توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلمەسمۇ؟ ... خەير، بىر سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئۇيلىغانلىرىمنى يازغان ئىدىم. ئەخلەتكە تاشلاپسىز، ئاللاھقا ھاۋالە قىلدىم.

چوققا
heqyol
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 7935
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 63
يازما 61
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-6-2009
ھالىتى توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يۇقاردىكى مەزمۇن ناھايتى توغىرا يېزىلغان. ئىسلام دىنىدا تۇغۇلغان كۈن، يېڭى يىل بايرام، نۇرۇز بايرام، مەۋجۇت ئەمەس ، ھەمدە قىلىشقا رۇخسەتمۇ يوق. پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىسىدا بىر  بۈلۈك ساھابىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى بايرىمىنى قىلىشۋاتقان ۋاقىتتا، ھەزىرتى پەيغەمبىرىمىز كىلىپ سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر دەپ سورىغاندا، ساھابىلار بىر مىللى بايرامنى تەبرىكلەۋاتىمىز دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ سىلەرگە ئىككى بايرامنى چۈشۈرۈپ بەردى، روزا ھېيىت ، ۋە قۇربان ھېيىت بايراملىرىدىن ئىبارەت بۇ بايراملاردىن باشقا ھەرقانداق بايرامنى قىلىش مۇسۇلمانلارغا جايىز ئەمەس دىگەن. ئەمما ھازىرقى دەۋىرىمىزدە ئۈزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ باشقا دىنلارغا تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان بايراملارنى يۇقتۇرۋالغان مۇسۇلمانلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. اللە نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلساق، نېمىدىن يان دىسە شۇنىڭدىن يانساق، كۈل دىگەندە كۈلۈپ، يىغلا دېگەندە يىغلىساق شۇنىڭمۇ ئەجىرى بار. ئەمما كۈپۈنچە مۇسۇلمانلار بۇلارنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇۋاتىدۇ.
اللە ھەممىمىزنى مەغفىرەت قىلغاي ئامىن.





www.heqyol.cn
www.heqyol.blogspot.com
چوققا
abduallah
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8257
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 6
يازما 4
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 21-12-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 21-12-2009 10:16  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
# mastura غا يوللانغان جاۋاب

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن مەستۇرە ئاچا،ئاجايىپ ئېسىل نەقىل بىلەن جاۋاپ بىرىپسىز
ئاللاھ ئىلىمىمىزنى زىيادە قىلسۇن!

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 8-9-2010 20:58

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri