پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلىيالاردىن (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدن بولغان دوستلىرىدىن) ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا
98. ئەۋلىيالاردىن ھېچ بىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ھېچ بىرىدىن ئەۋزەل بىلمەيمىز، بىز: بىر پەيغەمبەر بارلىق ئەۋلىيالاردىن ئەۋزەلدۇر دەيمىز.
99. بىز ئەۋلىيالارنىڭ (قۇرئان ۋە ھەدىستە) بايان قىلىنغان كارامەتلىرىگە، ئۇلار توغرىسىدا ئىشەنچىلىك كىشلەردىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان رىۋايەتلەرگە ئىمان ئېيتىمىز.
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا
100. بىز دەججالنىڭ چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى (ۋە باشقىلاردىن) ئىبارەت قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، كۈننىڭ غەربتىن چىقىدىغانلىقىغا ۋە (قىيامەت يېقىنلاشقاندا) بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ (ئاللاھ خالىغان) جايدىن چىقىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىمىز.
101. بىز ھېچ بىر كاھىننى (داخاننى)، ھېچ بىر رەمبالنى (پالچىنى) تەسقىتلىمايمىز. قۇرئان، سۈننەت ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسىغا خىلاپ بولغان بىرەر نەرسىنى داۋا قىلغان ئادەمنىمۇ تەستىقلىمايمىز.
102. بىز جامائەتنى لازىم تۇتۇشنى ھەق ۋە توغرا، بۆلۈنۈشنى ھەقتىن چەتنەش ۋە ئازابقا دۇچار بولۇش دەپ قارايمىز.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
103. ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋە ئاسماندىكى دىنى بىردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر››(ئال ئىمران سۈرىسى 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم››(مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
دىننىڭ مۆتىدىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا
104. ئاللاھنىڭ دىنى ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش بىلەن سەل قاراش ئوتتۇرىسىدىكى، (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە) ئوخشىتىش بىلەن (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى) بىكار قىلىش ئارىسىدىكى (يەنى ئاللاھنى سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگىمۇ ئوخشاتمايدىغان، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكارمۇ قىلمايدىغان، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە لايىق بولغان سۈپەتتە دەپ قارايدىغان)، بەندىنى ئىشلىرىدا مۇتلەق مەجبۇرى دەپ قاراش بىلەن مۇتلەق ئىختىيارى دەپ قاراش ئارىسىدىكى (يەنى بەندە مۇتلەق مەجبۇرىمۇ ئەمەس، مۇتلەق ئىختىيارىمۇ ئەمەس، ئاللاھ ئۇنى تەكلىپ قىلغان ئىشلاردا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئىمكانىيەتلەر ئىچىدە قىسمەن ئىختىيارلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ ئىختىيارلىقمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىچىدە بولىدۇ دەپ قارايدىغان)، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) خاتىرجەم بولۇش بىلەن (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمۈدسىزلىنىش ئارىسىدىكى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولۇپمۇ كەتمەيدىغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنپمۇ كەتمەيدىغان) بىر دىندۇر.
105. بۇلار (بۇ كىتاپچىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلار) بىزنىڭ دىنىمىزدۇر، ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن (ئەمەل قىلىدىغان) ئىتقادىمىزدۇر. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە بايان قىلغانلىرىمىزغا قارشىلىق قىلغۇچىلاردىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا يۈزلىنىمىز.
بىز ئاللاھتىن بىزنى ئىمان ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشنى، ئىمان بىلەن ۋاپات تاپتۇرۇشنى، ئىختىلاپ قىلغۇچى ھاۋايى ھەۋەسلەردىن ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدىغان كۆز قاراشلاردىن، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىپ، گۇمراھلىققا دۇچار بولغان مۇشەببىھە(ئاللاھنى ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە مەخلۇقاتلارغا ئوخشاتقۇچىلار)، مۇئتەزىلە، جۇھەمىييە، جەبەرىييە، قەدەرىييە قاتارلىقلاغا ئوخشاش ھالاك بولغۇچى مەزھەبلەردىن ساقلىشىنى سورايمىز. بىز ئۇلاردىن ئادا جۇدامىز، ئۇلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە گۇمراھ بولغۇچى ۋە ھالاك بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ساقلىغۇچى ۋە تەۋپىق ھىدايەت قىلىغۇچىدۇر.
(بۇ كىتابتىكى بىز دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنى كۆرسىتىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئىمام تەھاۋى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان جايلارنىمۇ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەگە نىسبەت بەرگەن. توغرا چۈشىنىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن).
ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ياردىمى بىلەن ئاخىرى بۇ كىتابچە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. تەرجىمە ۋە كومپىيۇتىرغا ئۇرۇش جەريانىدا مەندىن سادىر بولغان خاتالىقلارنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن.