Adnan
رەسمىي ئەزا
Rank: 2



UID 7469
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 135
يازما 133
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 25-3-2009
ئورنى ش
ھالىتى توردا بار
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 26-12-2009 17:43  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  Yahoo!
مۇھەررەمنىىڭ 10ـ كۈنى

مۇھەررەم ئېيىدا نەپلە رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى


عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ((أَفْضَلُ الصِّيَامِ بَعْدَ رَمَضَانَ شَهْرُ اللَّهِ الْمُحَرَّمُ، وَأَفْضَلُ الصَّلاةِ بَعْدَ
الْفَرِيضَةِ صَلاةُ اللَّيْلِ)) رواه مسلم

ئەبۇ ھۈرەيرە  ر ز ئا  دىن راۋايەت كىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ  مۇداق دىگەن . ( رامىزاندىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل رۇزا،  ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئەيىدىكى رۇزىدۇر . پەرىز نامازدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىدىكى نامازدۇر ).

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: «مَا رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَتَحَرَّى صِيَامَ يَوْمٍ فَضَّلَهُ عَلَى غَيْرِهِ إِلاّ هَذَا الْيَوْمَ: يَوْمَ عَاشُورَاءَ» وَهَذَا الشَّهْرَ يَعْنِي شَهْرَ رَمَضَانَ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ر ز ئا دىن راۋايەت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ ئاشۇرا كۈنىدەك بىرەر كۈننىڭ رۇزىسىنى ئەۋزەل بىلپ ،  رۇزا تۇتۇشقا تىرشقانلىقىنى كۆرمىدىم )  رامزان ئېيىدا ھەم شۇنداق تىرىشاتتى .


وقال النبي صلى الله عليه وسلم: «صيام يوم عاشوراء، إني أحتسب على الله أن يكفر السنة التي قبله» صحيح الجامع 3853

ۋەيەنە  پەيغەمبەر س ئا ۋ مۇنداق دەيدۇ : ( مەن ئاللاھتىن ئاشۇرا كۈنىنىڭ رۇزىسىنى ، ئۆتكەن يىلغا كاپارەت قىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ) . ( كاپارەت رۇزا _  بىلىپ-بىلمەي قىلغان كىچىك خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈلىشى ئۈچۇن ) .

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: ((قَدِمَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْمَدِينَةَ فَرَأَى الْيَهُودَ تَصُومُ يَوْمَ عَاشُورَاءَ فَقَالَ: مَا هَذَا؟ قَالُوا: هَذَا يَوْمٌ صَالِحٌ. هَذَا يَوْمٌ نَجَّى اللَّهُ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ عَدُوِّهِمْ. فَصَامَهُ مُوسَى. قَالَ: فَأَنَا أَحَقُّ بِمُوسَى مِنْكُمْ. فَصَامَهُ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ)) رواه البخاري

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ر ز ئا لار  راۋايەت قىلىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ مەدىنىگە كەلگەندە ، يەھۇدىلارنىڭ ئاشۇرا كۇنىدە رۇزا تۇتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆردى ۋە بۇ قانداق كۈن ؟ دەپ سورىدى . ئۇلار - بۇ ياخشى كۈن، بۇ كۈندە ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە مۇسا ئا س رۇزا تۇتقان دىيىشتى. رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ  مەن مۇسا ئا س غا  سىزلەردىن ھەقلىقراقمەن ) دىدى ۋە بۇ كۈنى رۇزا تۇتتى ھەمدە رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىدى ).  ئىمام بۇخارى ر .

((هذا يوم عظيم أنجى الله فيه موسى وقومه وغرّق فرعون وقومه)).   و في رواية مسلم:

ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر راۋايىتىدە : ( بۇ ئۇلۇغ كۈن ، ئاللاھ ئۇ كۈندە مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە نىجاتلىق بەرگەن، پىرەئەۋىننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى غەرىق قىلغان ) . مۇسا  ئا س ئاللاھ قا شۈكرى قىلىپ رۇزا تۇتقان ....  دىيىلگەن.

روى عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قال: ((حِينَ صَامَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَوْمَ عَاشُورَاءَ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ إِنَّهُ يَوْمٌ تُعَظِّمُهُ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَإِذَا كَانَ الْعَامُ الْمُقْبِلُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ صُمْنَا الْيَوْمَ التَّاسِعَ. قَالَ: فَلَمْ يَأْتِ الْعَامُ الْمُقْبِلُ حَتَّى تُوُفِّيَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ)) رواه مسلم.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس  ر ز ئا لاردىن راۋايرت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ ئاشۇرا كۈنى رۇزا تۇتۇپ ، باشقىلارنىمۇ رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىغاندا ساھابىلەر سورىدى:  بۇ يەھۇدى  ۋە ناسارالار ئۇلۇغلىغان كۈنغۇ ؟ . رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ ئىنشا ئاللاھ كېيىنكى يىلدا 9- كۈنىمۇ رۇزا تۇتىمىز ) دىدى . < كېيىنكى يىلى رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ ۋافات بولدى > ئىمام مۇسلىمراۋايىتى .
سەلەپ ئالىملىرى 9-10-كۇنلىرى رۇزا تۇتۇش ياخشى دىگەن.





ئىستىغفار قەلىبنىڭ  داۋاسى
چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 9-9-2010 04:03

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri