ogdulmix
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 3091
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 21
يازما 19
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-9-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 15-1-2010 21:06  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
بۇ ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، «ياخشىلار باغچىسى» دىكى مۇتتەقىيلەرنىڭ سەيلىسى دىگەن كىتابنى ئوقۇۋىتىپ، بۇ ھەدىسلەرنى چۈشىنەلمىدىم ، بىلىدىغابلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار.

بىرىنجى. 656- بەت1382- نۇمۇرلۇق ھەدىس، مەزمۇنى: «كىمكى بىرەر كىشىنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھىچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، ھىدايەت تاپقۇچىغىمۇ ئوخشاش ساۋاب بىرىلىدۇ.»

ئىككىنجى. 659-بەت، 1391- نۇمۇرلۇق ھەدىس، مەزمۇنى:«كىمكى ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە ، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.
ھەدىسنىڭ موھىم نوقتىلىرى:1).....(قىسقارتىلدى)
2) ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىپ ، مال دۇنياغا ئېرىشسە ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.


چۈشىنەلمىگەن ئورۇنلار ، قىزىل رەڭلىك ئورۇنلار.

چوققا
musapir2010
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8258
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 35
يازما 33
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 21-12-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 24-1-2010 19:28  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
بىرىنجى. 656- بەت1382- نۇمۇرلۇق ھەدىس، مەزمۇنى: ‹‹كىمكى بىرەر كىشىنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھىچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، ھىدايەت تاپقۇچىغىمۇ ئوخشاش ساۋاب بىرىلىدۇ››.

مۇھەممەد سالىھ دامۇللا ھاجىم بىلەن نەزىرە مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە ۋە شەرھىلىگەن ياخشىلار باغچىسى (ھەدىس شەرىف شەرھى)نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان، 2005-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى، 2007-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشىنىڭ 588-بەت 1382-نۇمۇرلۇق ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن:
‹‹كىمكى بىرەر كىشىنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نېمە كېمەيتىلمەستىن، ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچىغىمۇ ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ››.

چوققا
musapir2010
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8258
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 35
يازما 33
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 21-12-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 25-1-2010 00:05  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىپ ، مال دۇنياغا ئېرىشسە ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

‹‹ كىمكى ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە ، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ›› بۇ ھەدىستىكى تەھدىد ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى پەقەتلا دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنگەن كىشىنىڭ ھەققىدە كەلگەن. ئەمما ئۇنى دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆگىنىپ، مال دۇنياغا ئېرىشسە ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆگىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا، شۇ مۇكاپاتنى ئالسا ۋە قوبۇل قىلسا بولىدۇ. چۈنكى بەزى ئىبادەتلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر قىسىم بۇ دۇنيالىق مەنپەئەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
‹‹كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ››(سۈرە تالاق 2-، 3-ئايەتلەر).
‹‹(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ››(سۈرە نۇھ 10~12-ئايەتلەر).


چوققا
ogdulmix
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 3091
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 21
يازما 19
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-9-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 21-2-2010 07:21  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
اللە رەھمەت قىلسۇن ، ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.
چۈشىنىشلىك بولدى. مەن ئۇلارنى ئۇ كىتابنىڭ pdf نۇسخىسىدا ئوقۇغان، شۇنىڭغا قارىغاندا كىتاب بىلەن pdf نۇسخىسىدا ئازراق ئوخشىماسلىق بار بولسا كىرەك. ياكى pdf كىتابنىڭ بىر قانچە نۇىخىسى بولۇپ ، مەن كۆرگىنى شۇنداق بىسىلغانمۇ بىلمىدىم.
بۇنى بىلىۋالغىنىمىز ياخشى بولدى. اللە تائالا پايدىلىق ئىلىملىرىمنىزنى زىيادە قىلسۇن.

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 8-9-2010 21:05

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri