Ay^Tugh
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


UID 6878
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 44
يازما 42
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 100
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 28-1-2010 09:09  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئود(داۋامى)

ئابدۇللاھ_ قارى، ئىبادەتكار، تەقۋا  بولۇپلا قالماي،يەنە كۈچلۈك، كەسكىن جەڭ قىلغۇچى،ئىش چىڭىغا چىقسا قەيسەر ئىدى.
ئۇنىڭ شۇنداق قىلغىنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامدىن كېيىن قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇغان يەر يۈزىدىكى  تۇنجى مۇسۇلمانلىقى كۇپايە.
بىر كۈنى مەككىدە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يىغىلدى،ئۇلار ئاز ۋە ئاجىز ئىدى. ئۇلار:
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرەيشلەر قۇرئاننىڭ ئۈنلۇك ئوقۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىم ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ؟-دېيىشتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئود
_مەن ئوقۇي
_بىز ئۇلانىڭ ساڭا زىيان يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيمىز .بىز قوغدىيالايدىغان ۋە ئۇلاردىن توسۇپ قالالايدىغان ئورۇق تۇغقانلىرى بار ئادەمنى دېمەكچى ئىدۇق.
_مېنى قويۇپ بېرىڭلار.ئاللاھ مېنى قوغداپ ئۇلارنى توسىدۇ،-ئابدۇللاھ ئەتىسى ئەتىگىنى چاشگاھ ۋاقتى بىلەن ماقامى ئىبراھىمغا كەلدى،قۇرەيشلەر كەئبىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشاتتى،ئۇ ماقامى ئىبراھىمدا تۇرۇپ
_(مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى‹ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى›،ئىنساننى ياراتتى،ئۇنىڭغا ‹مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن›سۆزلەشنى ئۈگەتتى...)دەپ ئوقۇشقا باشلىدى.---[سۇرە راھمان 1-4 -ئايەتكىچە]
_ئىبنى ئۇممۇ ئەبدى نېمە دەۋاتىدۇ؟يوقالسۇن،ئۇ مۇھەممەد ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىنىڭ بەزىسىنى تىلاۋەت قىلىۋاتىدىغۇ؟...دېيىشتى قۇرەيشلەر.
ئۇلار ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ تەستىكىگە ئۇرۇشقا باشلىدى،لېكىن ئۇ ، ئوقۇشنى توختاتماستىن تاكى ئاللاھ يەتكۈزۈشنى خالىغان جايىغىچە ئوقۇدى...ئاندىن ساھابىلەرنىڭ قېشىغا قايتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن  قانلار ئېقىۋاتاتتى،  ساھابىلەر
_بىز سېنىڭدىن ئەنسىرىگەن ئىش مۇشۇ ئىدى،-دېيىشتى،
_ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،ئاللاھنىڭ دۇشمەنلىرى ھازىر مېنىڭ نەزەرىمدە ئاجىز ئىكەن.خالىساڭلار ئەتە يەنە بىرىپ مۇشۇنداق قىلاي
_ياق بۇ يېتەرلىك، سەن ئۇلارغا،ئۇلار يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاڭلىتالىدىڭ
ئابدۇللاھ ئوسمان خەلىپەبولغان دەۋرىگىچە ياشىدى،ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا،ئوسمان ئۇنى يوقلاپ كېلىپ ئۇنىڭدىن_
قەيىرىڭ بەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ؟
_مېنىڭ گۇناھلىرىم.
_كۆڭلۈڭ نېمىنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ؟
_ئاللاھ  تائالانىڭ رەھمىتىنى،
_ساڭا بىر قانچە  يىلدىن بېرى ئېلىشقا ئۇنىمىغان نېسىۋىلىرىڭنى بۇيرۇپ بېرەيمۇ؟
_ياق،ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق
_سېنىڭدىن كېيىن قىزلىرىڭ ئىشلىتەر
_سەن قىزلىرىمنىڭ  كەمبەغەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن ئۇلارنىڭ ھە كېچىسى سۈرە «ۋاقىئە»نى ئوقۇشقا بۇيرىدىم...مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:‹كىمكى سۇرە ۋاقىئەنى ئوقۇسا،مەڭگۈ كەمبەغەللىك، مۇھتاجلىق يەتمەيدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئابدۇللاھ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن ۋاقىتدا تىللىرى  ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن نەم، ئايەت ئوقۇش بىلەن ھۆل ئىدى
ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Ay^Tugh ، ۋاقتى: 4-3-2010 17:47 ]

چوققا
xirmuhammad
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8217
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 9
يازما 7
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 20-7-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 29-1-2010 03:57  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەرسۇن ،بۇ يازمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز!

چوققا
uyghur0998
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 8286
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 31
يازما 29
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 3-3-2010
ئورنى kaxgar
ھالىتى توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئايتۇغ قىرىندىشىم ئابدۇللاھ قارى دەپ ئالمىسىڭىز قاندااق بولا ! چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە سائىلنىمۇ قارى دىسە ،دىۋانىنىمۇ قارى دىسە ،مەدىكارنىمۇ قارى دىسە تازا پەرقى بىلىىنمەمۇ قانداق ؟ ئاللاھ ئەجىر -ئەزىم بەرسۇن! ئوقۇشىڭىزغا ياخشى تىلەكەلەر يار بولسۇن!

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 8-9-2010 20:59

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri