مۇجاھىد ئىبن جەبر
نەسەپ ۋە ھاياتى:
مۇجاھىد ئىبن جەبر ئەلمەككىي ئەبۇ ئەلھەججاج ئەلمەخزۇمىي ئەلمۇقرىئ ، سەئىيد ئىبن ئەبۇسسائىبنىڭ مەۋلاسى. ئۇ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سەئىيد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس، تۆت ئابدۇللاھ، رافىئ ئىبن خەدىيج، ئائىشە، ئۇممۇ سەلەمە، ئەبۇ ھۇرەيرە، سۇراقە ئىبن مالىك، ئابدۇللاھ ئىبن ئەسسائىب ئەلمەخزۇمىي ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان.
ئۇنىڭدىن ئاتا، ئىكرەمە، ئەمرۇ ئىبن دېينار، قەتادە، سۇلەيمان ئەلئەھۋەل، سۇلەيمان ئەلئەئمەش، ئابدۇللاھ ئىبن كەسىير ئەلقارىئ ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
ئۇ ھىجرىيەنىڭ 21-يىلى ئۆمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە توغۇلغان. 102ياكى 103-يىلى ۋاپات بولغان. يەھيا ئەلقەتتان، ئۇنىڭ ھىجرىيەنىڭ 104-يىلىدا ۋاپات قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئورنى- مەرتىۋىسى:
مۇجاھىد تابىئىنلار تەبىقىسىدىن كىلىپ چىققان مۇپەسسىرلەرنىڭ بېشى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەپسىرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنى دېيىلىدۇ.
تەپسىرىنى ئىبن ئابباستىن قۇرئان كەرىمنى ئوتتۇز قېتىم ئوقۇش ئارقىلىق ئالغان. (باشقا بىر رىۋايەتتە-ت) مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: "قۇرئان كەرىمنى ئىبن ئابباسقا ئۈچ قېتىم تىڭشاتتىم. ھەر ئايەتتە توختاپ، ئۇنىڭدىن: بۇ ئايەتنىڭ نېمە توغرىسىدا نازىل بولغانلىقى، قانداق بولغانلىقىنى سورايتتىم."
سەۋرىي مۇنداق دېگەن: "ئەگەر تەپسىر مۇجاھىد تەرىپىدىن كەلسە، ساڭا كۇپايە قىلىدۇ."
ئىبن تەيمىييەمۇ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ تەپسىرىگە شافىئىي، بۇخارىي ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىلىرى ئېتىبارلىق، دەپ قارىغان."
ئەبۇ ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: "مۇجاھىد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر نەرسە ئاڭلىمىغان. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس مۇرسەلدۇر." يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مۇجاھىدنىڭ سەئد، مۇئاۋىيە ۋە كەئىب ئىبن ئۇجرادىن قىلغان رىۋايەتلىرىمۇ مۇرسەلدۇر."
ئەبۇ نۇئەييمۇ مۇنداق دەيدۇ: "يەھيا ئەلقەتتان مۇنداق دېگەن: مۇجاھىدنىڭ مۇرسەللىرىنى مەن ئاتانىڭ مۇرسەللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىمەن."
قەتادە مۇنداق دەيدۇ: "كېيىنكىلەردىن تەپسىرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنى مۇجاھىدتۇر."
ئىبن سەئد مۇنداق دەيدۇ: "مۇجاھىد ھەدىسى كۆپ، ئالىم، فىقھىشۇناس ۋە ئىشەنچلىك بىر كىشى ئىدى."
ئىبن ھەييان مۇنداق دەيدۇ: "مۇجاھىد تەقۋادار، كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان، ساغلام بىر فىقھىي ئالىمى ئىدى."
زەھەبىي ئۇنىڭ تەرجىمە ھالىنىڭ ئاخرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۈممەت مۇجاھىدنىڭ ئىماملىقى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ پاكىت سانىلىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن. ئابدۇللاھ ئىبن كەسىير ئۇنىڭدا ئوقۇغان."
سەۋرىينىڭ "ساڭا تەپسىر مۇجاھىد تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، يېتەرلىك" دېگەنلىكى، مۇجاھىدقا ئائىت ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىشىمىز، دېگەن ئوقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى مۇجاھىدمۇ رىۋايەت قىلىنغان باشقا رىۋايەتچىلەرگە ئوخشايدۇ.
بەزىدە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغانلارنىڭ بىر قىسىمى، ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئاجىز رىۋايەتچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. رىۋايەتنىڭ توغرىلىق ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرۈش لازىم. بۇ خۇسۇستا ئۇنىڭ ئەھۋالى ئىبن ئابباستىن رىۋايەت قىلغانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ.
[
بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: a.karluki ، ۋاقتى: 7-4-2006 00:52 ]