sutuk
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7



UID 3338
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 217
يازما 212
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 100
تىزىملاتقان ۋاقىت 19-10-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-11-2007 07:07  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرتلىرى

پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرتلىرى

(1)

پەتىۋا بېرىش بىر مەسىلىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتى توشىشى لازىم. پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرتلىرى:مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىللىق بولۇش،پەقىھ(يۇقىرى چۈشەنچىگە ئىگە)بولۇش، مۇجتەھىد بولۇش ۋە ئادىل بولۇشتۇر.

1. مۇسۇلمان بولۇش:بۇ چۈشىنىشلىك مەسىلە، چۈنكى پەتىۋا بەرگۈچى شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇسۇلمان بولىشى شەرت.

2.بالاغەتكە يېتىش ۋە ئەقىللىق بولۇش:پەتىۋا بەرگۈچى شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى چۈشىنىدىغان ئەقىللىق بولىشى لازىم.ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئەقىللىق بولۇشنىڭ تۆۋەن دەرجىسى بالاغەتكە يەتكەن بولىشىدۇر.ئەقىللىق بولمىسا بالاغەتكە يەتكەن بىلەن پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.ئادەتتە بالاغەتكە يەتكەندە ئەقىل بىر قەدەر پىشىپ يېتىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئسىلام دىنى مەسئۇلىيەتلەرنى بالاغەت باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك قىلدى. چۈنكى ئۇ شەرئى ھۆكۈملەرنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.

3. ئادالەت:ئادالەت دېگەن  پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ شەرىئەت بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشى ۋە چەكلىگەن ئشىلاردىن يېنىشىنى، شۇنداقلا ئادەمگەرچىلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە شەك-گۇمانغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئشىلاردىن يىراق بولىشى ۋە ئالىملارغا ئوخشاش ئەخلاقلىق بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ دېگەنلىك گۇناھدىن پەقەتلا ساقلىنىشى لازىم دېگەن بولمايدۇ،چۈنكى ئادەم ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ بولالمايدۇ.بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇسۇلماننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ياخشى بولىشى، شەرىئەتكە ئىتائەت قىلىشى، چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىقى ۋە كىچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ ئسىتىلىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشىغا داۋاملىق تىرشىدۇ.

4. ئىجتىھاد:پەتىۋا بەرگۈچى پەقىھ(يەنى مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىدىغان)بولىشى ۋە مۇجتەھىد بولىشى لازىم. پەقىھ دېگەن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئەسلى مەنبەلىرىدىن شەرىئەتنىڭ تەپسىلى ھۆكۈملىرىنى بىلىش سالاھىيتىگە ئىگە كىشىدۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن مۇجتەھىد بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ. شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەسلى مەنبەلىرىدىن ياخشى بىلسە بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە شەرئى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جاھىل ۋە ھاياسىز مۇپتىنى(پەتىۋا بەرگۈچىنى) چەكلەش لازىم

ھاياسىز ۋە جاھىل پەتىۋا بېرىش سورۇنىغا چىقىۋالسا ئۇنى چەكلەش لازىم.ھاياسىز مۇپتى دېگىنىمىز كىشلەرگە كىشلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە پەتىۋا بېرىپ ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىپ بېرىدىغان ئادەمدۇر.

جاھىل مۇپتى دېگەن ئسىلامنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيدىغان، بىلمەي تۇرۇپ ئاغزىغا كەلگەنچە پەتىۋا بېرىۋىرىدىغان كىشىدۇر.

پەتىۋا بەرگۈچى سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ پەتىۋا بەرگەن بولسا، پەتىۋا ئالغۇچى شۇ پەتىۋانىڭ تەقەززاسى بويىچە خاتا ئىشنى قىلىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىۋەتكەن بولسا، جاھىل پەتىۋا بەرگۈچى ئۇ نەرسىنى تۆلەيدۇ.بەزىلەر مەسئۇلىيەتنى پەتىۋا سورىغۇچىدا قويىدۇ، چۈنكى ئۇ سالاھىيىتى يوق ئادەمدىن پەتىۋا سورىغان.

پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى

*پەتىۋا بەرگۈچى پەقەت بىلىدىغان مەسلىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، چۈنكى دىن بىلەن ئوينىشىپ خالىغانچە پەتىۋا بەرسە جازالىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى ئويلىنىشى، ئىزدىنىشى ۋە ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم.بىر مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بىلمىسە"بىلمەيمەن"دېسۇن، چۈنكى بىلىمنىڭ يېرىمى "بىلمەيمەن"دېگەن سۆز بىلەن كىلىدۇ. ئىمام مالىك 48 مەسىلىدىن سوئال سورالغاندا 32 مەسىلىگە بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن.

ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس:"كىم سورالغان سوئالنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەرسە ئۇ ساراڭ"دېگەن.

* پەتىۋا بەرگۈچى پەتىۋا بېرىۋاتقان شەھەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە شارائىتىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.شارائىتنى كۆزدە تۇتماي كۆزىنى يۇمۇپلا پەتىۋا بېرىش توغرا بولمايدۇ.

* پەتىۋا بەرگۈچى  سۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن گۇمان ۋە شەكلىك ئورۇنلاردىن يىراق بولىشى لازىم. پەتىۋا سوراپ كەلگەن ئادەم ھەدىيە تەقدىم قىلسا قوبۇل قىلماسلىقى لازىم.چۈنكى ھەدىيە پەتىۋانىڭ ئۆز ئورنىدا چىقماسلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ.

* پەتىۋا بەرگۈچى يىمشاق ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىشى، قوپاللىق قىلماسلىقى، پەتىۋا سوراپ كەلگۈچىگە ئوچۇقيورۇقلۇق بىلەن يۈزلىنىشى لازىم. شۇنداقلا ئۇ تەمكىن، مۇلايىم ۋە ئېغىر بېسىق بولىشىمۇ مۇھىم.

پەتىۋا بېرىشتىن ئەيمىنىش

مەسىلىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ پەتىۋا بېرىشى ھارام بولىدۇ، چۈنكى بىلمەي پەتىۋا بېرىش ئېزىش ۋە ئازدۇرۇشتۇر، ھەممىسى ھارام.شۇنداقلا ھاياسىز كىشىنىڭ پەتىۋا بېرشىمۇ ھارام.

ھەزرىتى ئۆمەر:"سىلەرنىڭ پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەتلىك بولغىنىڭلار، دوزاخقا جۈرئەتلىك بولىغىنىڭلار" دېگەن.ساھابىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پەتىۋا بەرمەيتتى، باشقىلاردىن سوراڭلار دەيىتتى.

رەسۇلۇللاھ ھەدىستە:"ئالىم قالمىغاندا كىشلەر نادان كىشلەرنى مەسئۇل قىلىۋالىدۇ.ئۇلار سوئال سورالسا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىپ ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ"دېگەن.بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار:"كىم بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بەرسە گۇناھكار بولىدۇ"دېگەن.

پەتىۋا زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ

ئسىلامدىكى ھۆكۈملەر ئۆزگەرمەس ھۆكۈملەر ۋە ئۆزگىرىشچان ھۆكۈملەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.ئۆزگەرمەس ھۆكۈملەر"دالالە قەتئىيە"(يەنى ئۇقۇمى بىردەك بولۇپ باشقىچە ئىھتىماللىق يوق بولغان)دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ھۆكۈم.ئۆزگىرىدىغان ھۆكۈم"دالالە زەننىيە"(يەنى باشقىچە ئىھتىماللىقنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان مەسىلە). دالالە زەننىيە بىلەن ئىسپاتلانغان ھۆكۈم ئورۇن، ۋاقىت، شەخس ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن،رەسۇلۇللاھ سەدىقە فىتىردا(روزى ھېيىتتا)"خورمىدىن ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن ياكى ئاپىدىن ياكى قۇرۇتتىن بىر سا(يەنى 6 جىڭ) پەرز قىلغان. دىيارىمىزدا بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوق، ھەممە ئادەم قۇرۇق ئۈزۈم بېرىشكە قادىر ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتنىمىزدە قايسى نەرسە ئاساسى يېمەكلىك بولسا شۇ نەرسىدىن بىر سا بېرىلىدۇ. يەنى بۇغداي، گۈرۈج ياكى قوناق ياكى... بېرىشكە بولىدۇ.

ھەدىستە يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ بايان قىلىنىشىدكى سەۋەب ئۇ نەرسىلەر شۇ ۋاقىتتىكى مەدىنىلىكلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلى ئىدى.

مەسىلەن، بىرسى ئوغۇرلۇق قىلسا قول كىسىلىدۇ،لېكىن بىرسى ئۇرۇشتا ئوغۇرلۇق قىلسا قولى كىسىلمەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ، قايسى ئىش ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ سوراپ كەلگەن 3 ئادەمگە ئۈچ تۈرلۈك جاۋاب بەرگەن. چۈنكى ئۈچ ئادەمنىڭ ئەھۋالى ۋە شارائىتى بىر بىرىگە ئوخشاشمايتتى.

پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ سەۋىيىسى

شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنى(قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف)، قىياس ۋە ئىجمانى،شۇنداقلا ئالىملارنىڭ تۈرلۈك كۆز قاراشلىرىنى، ئىتىىپاق ۋە ئىختىلاپ ئورۇنلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى پەتىۋا بەرسە بولمايدۇ.

ئالىملارنىڭ كىتابلىرى ۋە سۆزلىرى بىلەن ياشىمايدىغان، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈپ تۇرمايدىغان ئادەم پەتىۋا بەرسە بولمايدۇ.شۇنداقلا جەمىيەتتىن ئۆزىنى چەتكە تارتقان، جەمىيەتنى چۈشەنمەيدىغان كىشىنىڭ پەتىۋا بېرشىمۇ توغرا  بولمايدۇ.

پەتىۋا بېرىشنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرى

1. نەس(دەلىل)نى بىلمەسلىك.

2. يامان تەۋىل قىلىش.

3. شارائىتنى ياخشى چۈشەنمەسلىك.

4.ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىش.

5.قۇرئان ۋە سۈننەتنى شارائىتقا بويسۇندۇرۇش(يەنى ھاكىملارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن پەتىۋا چىقىرىش ياكى شارائىت قانداق بولسا شۇنىڭغا ئۇيغۇن پەتىۋا چىقىرىش)،شۇنداقلا خاتا رىئاللىققا بويسۇنۇش.

6.غەرب پىكىرىنى تەقلىد قىلىش.

7.پەتىۋا ئشىلىرىدا قاتماللىق(تۇرغۇنلۇق)قىلىش، يەنى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شارائىتلارغا رىئايە قىلماسلىق.

پەتىۋا بېرىشنىڭ پرىنسىپى

1.مۇتىئەسسىپ ۋە تەقلىدچىلىكتىن ئازات بولۇش.

2.ئاسانلاشتۇرۇش ۋە تەسلەشتۈرمەسلىك.

3.كىشلەرنىڭ ئەقلى قابىلىيىتگە قارىتا خىتاب قىلىش.

4.كىشلەرگە پايدىسىز ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمەسلىك.

5.پەتىۋادا بوشاڭلىق قىلماسلىق ۋە بەكمۇ چىڭىتىۋالماسلىق.

6.پەتىۋانىڭ( شەرھىلەش) ھەققىنى بېرىش.





داۋاملىق ئۆگىنەيلى!
چوققا
sutuk
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7



UID 3338
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 217
يازما 212
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 100
تىزىملاتقان ۋاقىت 19-10-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 18-11-2007 07:08  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
بىر قانچە مەسىلىلەردە مۇلاھىزە

1. شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىنى ئاساس قىلماي، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان دېگەن گەپ بىلەن دىنى بىلەن ئالاقىسى يوق نەرسىلەرنى بىدئەت دەپ بىدئەتنىڭ دائىرىسنى كېڭەيتىۋىتىش توغرا ئەمەس.

ئسىلام دىنى بىر مىللەت ياكى بىر ۋاقىت ياكى بىر ئورۇننىڭ دىنى ئەمەس، ئۇ خەلقئارالىق دىن بولۇپ، ھەر ماكان ۋە ھەر ۋاقىتقا ماسلىشالايدۇ.ئسىلام دىنى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئاساسى قائىدىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، يېڭى مەسىلىلەر شۇ قائىدىلەر ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

بىدئەت دېگەن ئەقىدە،ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا بولىدۇ(يەنى دىنى ئشىلاردا بولىدۇ)، ئۇندىن باشقا ئشلاردا بىدئەت بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىدئەتنىڭمۇ دەرجىسى تۈرلۈك بولىدۇ.

بىر ئىشنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان دېگەن ئاساسى يوق گەپ بىلەن چەكلەۋېرىش ياكى بىدئەتكە چىقىرۋىتىش نورمالسىزلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ دېمىگەن نۇرغۇن ئشىلار يۈز بەردى، نۇرغۇن يېڭىلىقلار پەيدا بولدى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەممە نەرسە بىدئەت بولاپ كىتەمدۇ؟

ئىسلام دىنى چەكلەيدىغان نەرسىلەرنى ئوچۇق دەلىل-پاكىت بىلەن چەكلىدى، ئسىلامدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ دائىرىس ناھايىتى تار.بىر ئىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئېنىق دەلىل بولمىسا ياكى بەش زۆرۈرىيەتكە تاقاشمىسا ئۇ ئىش چەكلەنمەيدۇ.بىر نەرسە ئەسلىدە مۇباھ بولىدۇ.

ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا يېڭى ئىش پەيدا قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ، قالغان ئشىلاردا(يەنى دۇنيالىق ئشىلاردا)ئىسلامنىڭ روھىنى ئاساس قىلغان ئاساستا يېڭىلىق يارتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بەلكى پەرز بولىدۇ.

ئەمما خۇراپات ۋە ئەپسانە بولغان:رەمباللىق، داخانلىق، ئوتكەشلىك، ئىستقا سالىدىغان، باخشى، مازارلاردا دۈت سالىدىغان ۋە بوسۇغىغا قان تېمىتىدىغان...دېگەندەك خۇراپاتلار شەكسىز بىدئەتتۇر.

مۇھەممەد جەمىل زىينوغا ئوخشاش بالا تالىبلار پەتىۋانىڭ مەنبەسى بولۇشقا يارىمايدۇ...

2.بىر قىسىم كىشلەر قۇلاق موللىسى بولۇپ بىر ئىككى مەسىلىنى ئاڭلىۋالسا، ئۆزىنى ئالىمنىڭ ئورنىدا قويىۋالىدۇ.ئەھۋالىغا باقماي ئالىملار بىلەن گەپ تالىشىدۇ.بۇ نادانلىق، ھاماقەتلىك، دۆتلۈك ۋە بىلەرمەنلىكتۇر.

يەنە بىر قىسىم كىشلەر باركى، بىر كىتاب ئوقۇسا ياكى بىر ھەدىس ئاڭلىسا ياكى بىر قانچە ئاي تەلىم ئالسا مەندە پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بارمۇ؟ يوقمۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ھىسابلاشماي ئۆزىنى مۇپتى قىلىپ، ئۆتكۈر قىلىچتەك پەتىۋا كىسىشكە باشلايدۇ.بەرگەن پەتىۋاسى ئسىلامنىڭ روھىغا ئۇيغۇنمۇ ياكى ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.

بىر قېتىم ئاڭلىۋالغىلى ھىساپ، باشقىلار دەلىل-پاكىت كەلتۈرسىمۇ ئاڭلاشقا ۋە قايىل بولۇشقا رازىلىقى يوق. سىز بىر مەسىلىگە جاۋاب بەرمەكچى بولسىڭىز بىر ھەدىسكىلا قاراپ ھۆكۈم چىقارماي، قۇرئانغا نەزەر تاشلاڭ، باشقا شۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنىمۇ كۆرۈپ چىقىڭ. ھەدىسلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ خۇلاسە چىقىرىڭ. بىر ھەدىسنى بىلىۋالسىڭىز ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىس تۇرسىمۇ پىكرىڭىزدىن يانىمىسىڭىز ياكى بۈيۈك فۇقاھالار شۇ ھەدىسنى قانداق شەرھىلىدى، بۇنىڭدىن پايدىلانمىسىڭىز سىز  پەتىۋا بېرىشكە يارىمايسىز.

چۈنكى ھەدىسنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ ئايەتكە زىت كىلەمدۇ ياقمۇ؟ مۇشۇ تېمىدىكى باشقا ھەدىسلەر نېمە دەيدۇ؟ ئالىملار قانداق شەرھىلىگەن؟ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ ئاندىن پەتىۋا بېرىش لازىم.

بىزدىكى ئەڭ چوڭ كىرزىسنىڭ بىرسى، ھەممىمىز ئالىم، ھەممىسىز بىلەرمەن، بىر كىتاب ئوقۇساق باشقىلار(يەنى ئۇلۇغ ئالىملار)دېگەننى دېيەلەيمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ مەرىپەت پۈچەكلىكى ۋە بىلەرمەنلىكتۇر.

ئالىملار 10نەچچە يىل ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىنى دەلىلسىزلا ئۆزۈڭىزنى ئوقۇغۇچىلىق ماقامىدىن ئالىملىق ماقامىغا كۆتۈرۈپ ئۇ مەسىلىنى رەت قىلسىڭىز، بۇنىڭغا نېمە دەپ باھا بەرگۈلۈك؟ سىزدە قانچىلىك بىلىم بار؟ قانچىلىك كىتاب بار؟ 60 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىسنىڭ قانچىسىنى بىلىسەن؟ قانۇنشۇناس ئالىملار( پەقەت فىقھى ساھەسىدە)ئىزدەنگەن 14ئەسىرنىڭ نەتىجىسى بـــــولغان بىر مىليۇن ئىككى يۈزمىڭ (1200000)دىن ئارتۇق پىقھى مەسىلىنىڭ قانچىىنى ياخشى بىلىسىزكىن؟

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ ئۆزىگە خاس(يەنى ئۇلۇم قۇرئان، ئۇلۇم ھەدىس)دەيدىغان بىلىملىرى بار، بۇنى بىلەمسىز؟ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى، ھەدىسنىڭ بايان قىلىنىش سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنۈشنىڭ ئاساسى بولغان قانۇنشۇناسلىق بىلىمى"ئۇسۇلى فىقھىنى"بىلەمسىز؟

3.بىر قىسىم قىزغىن ياشلار پەتىۋا ئىشلىرىدا ئالدىراڭغۇلۇق قىلىدۇ، بىر سوئال سورالسا ئويلانماستىن بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇدۇل جاۋاب بېرىۋىتىدۇ.بىلسىغۇ بوپتۇ، بىلمەي تۇرۇپ جاۋاب بېرىپ كىشلەرنى ئازدۇرسا ياكى پىتنىگە ئۇچراتسا بۇنىڭغا قىيامەت كۈنى نېمە دەپ جاۋاب بېرەر؟

تېخى بىر قىسىملىرى بىلمىسمۇ-بىلمەيدىكەن دەپ قالمىسۇن-دەپ شەمشەردەك پەتىۋا كىسىدۇ.ئاللاھدىن قورقسىڭىز بولمامدۇ؟ پەتىۋا بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟، سىز پەتىۋا بەرسىڭىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزىسىز، بۇ ئوينىشىدىغان مەسىلە ئەمەس.

تېخىمۇ قىزقارلىق يېرى، دىندىن تۈزۈك مەلۇماتى يوق، ئەمدىلا ھىدايەت تاپقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەتىۋا بەرگىنى بەك ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش. تۈنۈگۈن خاتا يولدا يۈرگەن كىشى قانداقمۇ بىر قانچە كۈندە ئىسلام ھۆكۈملىرنى ئۈگۈنۈپ، پەتىۋا بېرىش دەرجىسىگە يەتسۇن؟ مەن بۇ يەردە دىندا ئوقۇمىغانلار ياكى ئىلگىرى خاتا يولدا مېڭىپ سالغانلار دەۋەت ئىشلىرىغا ئارلاشمىسۇن دېمەكچى ئەمەس، مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم ئۇلار ئۆزى ياخشى بىلىدىغان ساھەلەردە دەۋەت قىلسۇن، لېكىن پەتىۋا بېرىشتەك نازۇك ئشىلارغا ئارلاشمىسۇن دېمەكچى...

4.بىزدىكى مەرىپەت ۋە بىلىم پۈچەكلىكى تۈپەيلىدىن ئاساسلىق مەسىلىنى تاشلاپ قويۇپ، مۇباھ ۋە مۇستەھەب ئىشلارغا ئېسلىۋالىمىز. بىرلىككە كىلەلەيدىغان مەسىلىلەر شۇنداق كۆپ تۇرسا كۆز قاراشنىڭ تۈرلۈك بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان كىچىك مەسىلىلەر بىلەن ئاۋارە بولىمىز.

چەكلەيدىغانغا:ھاراق، پاھىشە، ئوغۇرلۇق،قىمارۋازلىق، ساتقۇنلۇق،خىرويىن، بۇلاڭچىلىق ۋە ئادەم سودىگەرلىرى...دېگەندەك شۇنچىۋىلا ئېنىق ھارام ئىشلار تۇرسا ئىسلام تارىخ بويى خىلمۇ-خىل كۆز قاراش بولۇپ كەلگەن ئامىننى ئۈنلۈك دېيىش، رەفئەت قىلىش، پايياققا مەسىھ قىلىش، باشنىڭ قەيەرگىچىرەك مەسىھ قىلىمىز، نامازدا قولنى دولغىچىرەك كۆتىرەمدۇق ياكى قۇلاققا تەككۈزەمدۇق، مەۋلىد نەبى ئۆتكۈزۈش دېگەندەك كەڭچىللىك بار مەسىلىلەردە تالاش تارتىش قىلىپ يۈرىمىز.

تېخى بىرسى"خۇدا"دېسە بولمايدۇ دەيدۇ، نېمىڭىزگە بولمايدۇ؟ نەدە بولمايدۇ دېگەن دەلىل بار؟ ئاللاھ دېگەن گەپنى(خۇدا، پەرۋەردىگار)دېسە نېمىشقا بولمايدىكەن؟ قايسى مۇجتەھىد ئالىم بولمايدۇ دەپتىكەن؟ ئۇ گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ نېمە پايدا ئالىسىز؟ ياكى ئىسلامغا قانچە پرسەن پايدا يەتكۈزمەكچى؟؟؟

شۇنچىۋىلا پەرزلەر كۆپ تۇرسا ئۇنى تاشلاپ قويۇپ، ھېچقانداق ئاساسى يوق گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزۈڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئاۋارە قىلسىڭىز، سىزنىڭچە توغرا بولارمۇ؟سىز بىر دەۋەتچى تۇرۇپ ئەھمىيەتسىز بىكار كەتكەن شۇ ۋاقىتتىن ھىسابقا تارتىلماسسىزمۇ؟سىزنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ؟ خۇدادىن قورقۇڭ.

بۇ بىر ئاددى مىسال، شۇنىڭغا ئوخشاش قىممىتى يوق ئىشلاردا بىر بىرىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىپ ئاقماس مۇنازىرلەرنىڭ بولىشى دۆتلۈكتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. ئەقىلنى ئاچايلى، ئۆزىمىزنىڭ قىلىدىغان مەجبۇرىيىتىمىزنى ئوبدان تونىۋالايلى، ئەۋزەلىك ئۇقۇمىنى بىلىپ قويايلى.

ئەگەر بىز مۇشۇ ھالىتىمىزدە يەنە ئىككى يىل داۋاملىشىدىغان بولساق ۋەتىنىمىزنىڭ بەشتە بىر قسىمى خىرىستىيانلىشىپ بولىدۇ، سىز بولسىڭىز قولنى نەگىچىرەك كۆتۈرۈش بىلەن ئاۋارە...

5.ئەسلىتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، بىرسى بىىلملىك ئىكەن، ئىستىلى ياخشى، مۇئامىلىسى ياخشى، مۇنافىق ئەمەس، سەۋىيىسى خېلى يامان ئەمەس، لېكىن تاماكا چېكىدىغان ئادىتى بولسا(تاماكا چىكىش ھارام)، ئۇنىڭدىن مەسىلە سوراشقا بولىدۇ، تاماكا چەكسە گۇناھىنى ئۆزى تارتىدۇ.گەرچە تاماكا چىكىش گۇناھ ۋە ھارام بولسىمۇ باشقا چوڭ گۇناھلاردىن پەرقى زور.

تاماكىنى دەپ چوڭ مەنپەئەتتىن قۇرۇق قېلىش ياكى شۇ سەۋەب بىلەن ئۇنى پۈتۈن چەتكە قېقىش ئاقىلانىلىق بولمايدۇ، تەدرىجى تاماكىنى تاشلاشقۇزغىلى بولىدۇ. مۇھىمى چوڭ گۇناھ قىلمايدىغان ۋە كىچىك گۇناھلارنى داۋاملىق قىلمايدىغان بولىشى شەرت.



ئىسلام ئاۋازى تور بېتى





داۋاملىق ئۆگىنەيلى!
چوققا
zilala7
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 7689
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 30
يازما 28
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 28-4-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 9-5-2009 06:36  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشى تىما يوللاپسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

چوققا
yuksal
يېڭى ئەزا
Rank: 1


UID 7087
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 28
يازما 26
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 28-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 15-6-2009 03:29  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  QQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .سۇتۇق مەن سىزنىڭ( 5)باپتىكى ئەسكەرتىشڭىزنى كۇرۇپ مۇنداق بىر ئىش يادىمغا كىلىپقالدى
ئىمام بۇخارى .بىر ئادەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سەھى بىر ھەدىسى باركەن دەپ ئاڭلاپ بىر نەچچە كۇن يۇل يۇرۇپ ئۇ ئادەمنىڭ يىنغا بارسا .ئۇ ئادەم قىچىپ كەتكەن تۇگىسنى ئىتگنى قۇناق باردەك كۇرسۇتۇپ تۇتقانلىغنى كۇرۇپ .ئۇ ئادەم بىلدىغان ھەدىسنى خاتىرلىمەي قايتىپ كەتكەن .
شۇنىڭدەك بىر ھارام ئىشنى قىلۋاتقان ئادەمدىن پەتۋا سۇراش .خۇددى مۇشۇكنى ھارۋىغا قاتسا كاتنىڭ تىگگە سۇرگەندەك ئىش بۇلامدۇ قانداق.!!!!!!!!!!!!
ئاتىكاچ لىغىمنى كەچرۇڭ .ئەڭ تۇغرىسنى بىلگۇچى ئىگىمىز ئاللا .

چوققا
mastura
مۇنبەر باشلىقى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


UID 164
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 1306
يازما 1303
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-2-2006
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 16-6-2009 09:31  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يۈكسەل قېرىندىشىم:
ئۇستاز بۇخارى ھەدىس توپلاشتا شۇنچىلىك دىققەت قىلغانكى، بىر كىشىدە كىچىككىنە يالغانچىلىك ئالامىتى سېزىلسە، ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان. يۇقادىكى ۋەقە دەل شۇ سەۋەبتىن، يەنى يالغانچى كىشى رەسۇلۇللاھتىن راست سۆز بايان قىلارمۇ، دەپ ئەنسىرەشتىن بولىدۇ.
بۇ ماقالىدىكى نۇقتىنى ئۇنىڭغا مىسال قىلغىلى بولمايدۇ.





دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 9-9-2010 03:59

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri