جەمئىيەت ھەمكارلىققا ۋە ئۇيۇشۇشقا موھتاج
بىلىش كېرەككى، اللە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر اللەنىڭ بەندىلىرى قىلىپ ياراتتى. ئىنسانلارنى ئەسلى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى قىلدى. دېمەك، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت-رىشتىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە غايەت زور رولى باردۇر. ھەم ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسى بەرپا قىلىدۇ.
اللە مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر،» (سۈرە «ھۇجۇرات»، 10-ئايەت) دىنىي قېرىنداشلىق ئىنسانلار قەلبىدە، ھاياتتا شۇنداق زور ئۆزگىرىشلارنى ھاسىل قىلىدۇكى، ئىنسان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بەلكى، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى تۇرۇغلۇق ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى ئەلا بىلىدۇ.
ئۇستازىمىز دوكتۇر «مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەرراز» ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى «دىن ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ بىر توپ بولۇپ ياشىشى پەقەت ئۇلارنىڭ <ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى> بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇ ئىش ئىنساننىڭ ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان، ھەق-مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان <قانۇن-تۈزۈم> ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ، قانۇن-تۈزۈمنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنسانلار قەلبىدە ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى، سۈرىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان تىزگىندىن ئىبارەت بولغان بىر باشقۇرغۇچىدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتىپ ئولتۇرىشمىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوقتۇر.
چۈنكى، ئۇلار ھەممە ئېتىراپ قىلغان پرىنسىپلاردۇر. بۇ ھەقتە سۆزلەش كونا گەپلەرنى تەكرارلىغانلىق بولىدۇ.
ئەمما، بايانىمىز ئۈندەك ۋە تىزگىندىن ئىبارەت بولغان باشقۇرغۇچى ھەققىدە بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار زادى نېمە؟
بايانىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا، يەريۇزىدە قانۇن-تۈزۈمنىڭ ھەيۋىتىنى قوغداشتا، جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىنى، مۇقىملىقىنى ھىمايە قىلىشتا، ئۇنىڭدا ئامانلىق، خاتىرجەملىك بەرپا قىلىشتا دىننىڭ كۈچىگە باراۋەر تۇرىدىغان، تەڭلىشىدىغان باشقا ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇنىڭدىكى سەۋەب بولسا، ئىنسان كائىناتتىكى باشقا مەۋجۇداتلاردىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغان ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىنى ئۇنىڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرىدىغان، پۇت-قوللىرىغا كېشەن سېلىپ تۇرىدىغان، قان-تۇمۇرلىرىنى پاكلاپ تۇرىدىغان، ئىچكى ئەزالىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بىر نەرسىدىن خالىي بولغان ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسان ئىنسانىيلىقى، روھانىيلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئەقىدە-ئېتىقادتىن ئىبارەت بىر مەخلۇقتۇر. دېمەك، ئىنسان مەڭگۈ ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ قۇلىدۇر.
بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ خىل ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار ئەقىدىنىڭ، روھىيەتنىڭ ماددىي ھاياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بەلكى، ئۇ ئىككىسى ماددىي ھاياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىدى. بۇ ماركسىزم قارىشىدىن ئىبارەت ئىدى. ماركسىزمنىڭ بۇ قارىشى ئىنساننى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ھۆرمەت تەختىدىن، ھايۋانلىق دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداقلا، ئەسىرلەر مابەينىدە شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ مەسلەكلىرىدە مۇقىملىنىپ ئۆزگەرمەس بوپبولغان ھەقىقەتلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىشتۇر. ئىنسانلار قەلب-روھتىن خالىي بولغان ماددىي ھاياتتا ياشاشلىرى ئۈچۈن بەخت-سائادەت ھاياتنىڭ پەقەت مۇشۇ قىسمىدىلا تېپىلىدۇ، دەپ ئۆزلىرىنى قاندۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئەمما، ئىنسان توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ئىنسان ئەقىدىسى ئوڭشالسا، ئىنسان بىر پۈتۈن ئوڭشىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا، ئىنسان بىر پۈتۈن بۇزۇلىدۇ دېگەن ئېتىقادقا مەڭگۈ بويسۇنىدۇ.