تېمىسى: ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىسقىچە تارىخى
axiq99 (axiq99)
ئىشەنچلىك ئەزا
Rank: 3Rank: 3



UID 3484
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 220
يازما 218
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 30
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-11-2007
ئورنى hijran
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 06:15  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىسقىچە تارىخى

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار. سىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان ئىسلامى تەبلىغلەر ئىچىدە، ساغلام ئەقىدە ۋە چۈشىنىشلىك بايانلىرى بىلەن ئالاھىدە دىققىتىڭلارنى تارتىپ كىلىۋاتقان ئۆزبىكىستاندىن چىققان ئابدۇۋەلى قارىنىڭ دەرسلىك ۋە تەپسىر لىنتىسى بارغۇ دەيمەن؟ ئەمما ئۇنىڭ شەخسىي تارىخىغا ئائىت ماتىريال يوق ئىدى. بۇ قىتىم تۇركىيەدىكى « خەلىقئارا ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» نىڭ پەسىللىك ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم يەنە ئاشتى. ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ پايدىلىنىۋىلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئۇنى تەجىمە قىلىپ قويغان ئىدىم. خاتالىق بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر،



ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ (ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ ) قىسقىچە تارىخى







ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ 1950-يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجان شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن 20-ئەسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى ئىشچى ئانىسى ئائىلە ئايالى ئىدى.
دىن ۋە دىندارلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنمۇ ئۆزگەرتمىگەن سوۋىت ھۆكۈمىتى ئۇ زامانلاردا  بارلىق دىندارلارنى ئۆلتۈرۈش، سۈرگەن قىلىش ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە ئەرەپ ئىلىپبەسى يىزىقىدىكى بارلىق كىتاپلارنى چەكلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى پەقەت يىغىپ ساقىلىغۇچىلار ۋە ئىخلاسمەنلەرنىڭ قولىدىن ئىنتايىن تەس تىپىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
ئەقىللىق ۋە زىرەك ئۆسۈپ يىتىلگەن ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ 7 يىشىدا مەكتەپكە كىرىپ تىزلا ساۋاد چىقىرىدۇ. تەلەپچان خاراكتىرى ئۇنىڭ كىتاپخۇمار ۋە تىرىشچان بولۇپ يىتىلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ، خوشنىسىنىڭ ئوغلى رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ بىلەن بىرلىكتە ساۋاقداش ۋە دوست بولۇشۇپ دەرستىن سىرت چاغلىرىنى غەنىمەت بىلىپ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى بارلىق كىتاپلارنى بەس-بەس بىلەن ئوقۇپ تۈگىتىدۇ ۋە شەھەردىكى مەركىزى كۈتۈپخانىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ. بىر كۈنى كىتاپ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئەرەپ ئىلىپبە يىزىقىدىكى بىر ۋاراق قەغەز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن بۇ يىگىتلەر، ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇنىۋىرسىتىت كىرمەي ئەكسىچە ئەنجان شەھرىدىن 45 كېلومىتېر يىراقلىقتىكى مەرغۇلان شەھرىدە ئىچىلىپ ئوقۇش باشلىغان تۇنجى مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئۇستازى ھاكىمجان قارىيدىن سەرپ، نەھۋىي، فىقھي، بالاغەت ۋە تەپسىر قاتارلىق دىنى ئىلىملەرنى بىر باشتىن ئۈگىنىپ، بىر باشتىن ئۈگىتىش ئارقىلىق تەكرارلاپ، 4-5 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇستازىغا ياردەملىشىپ 10 قاتار ئوقۇغۇچى يىتىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنلا قۇرئان يادلاشقا كىرىشىپ 9 ئايدا قارىيلىقنى تاماملايدۇ. كىيىن دوستى رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ بىلەن بىرلىكتە ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بىرىپ، مەككىدە بىر مەزگىل قالىدۇ. بۇ يەردىمۇ ھىندىستاني تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان موللا مۇھەممەدتىن ئىلىم ئالىدۇ. كىيىن ۋەتەن-خەلقىنىڭ ھىدايىتىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، ئانا يۇرتى ئەنجانغا قايتىپ ئۇيەردە بىر مەدرىس ئاچىدۇ.
كوممۇنىزىم ئاسارىتىدىن  جاق تويغان ۋە مائارىپ سىستىمىسىنىڭ رەزىللىكىدىن زىرىككەن ياشلار ئابدۇۋەلى قارىنىڭ دەرسلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە توپ-توپ بولۇپ قاتنىشىشقا باشلايدۇ. قىسقا مۇددەتتە نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كىتىدۇ. ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تەربىيلەپ چىققان بۇ ياشلار كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىدۇ.
1987-يىلى ئەنجان شەھرىدىن 35 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى يازباياۋان چۆللىكىدە ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىينىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ۋە سەپدىشى بولغان رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ ك گ ب تەرىپىدىن پىلانلانغان بىر قاتناش ۋەقەسىدە قەستكە ئۇچراپ، بۇ يېڭى دەۋىر ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ تۇنجى قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. قىرىندىشىنىڭ قايغۇسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىغان ئابدۇۋەلى قارىي ئۆز يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئىسلامي دەۋەت يولىدا قىز-ئاياللارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئايالى شەرىفە مىرزايىۋنىڭ مەسئۇللىقىدا مەخسۇس خانىم-قىزلار مەدرىسىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ( بۇ رەھمەتلىك ئايال ئۇستاز 2007-يىلى رامىزان ئىيىدا ئۆمرە قىلماق ئۈچۈن ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىدىن مەككىگە بارغۇچە قاتناش ھادىسىسىدە ۋاپات بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. ئامىن.)
ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ شەخسىي ئىگىلىكى بىلەن بارلىق چىقىملىرى قامدىلىپ كىلىۋاتقان خانىم-قىزلار مەدرىسىسى ناھايىتى تىزلا دىققەت قوزغايدۇ. چۈنكى 60-70 يىلدىن بىرى كوممۇنىزىم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر دىيارغا نىسبەتەن قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يىڭىلىق ئىدى.
داۋاملىق كىڭىيىپ، تەسىر دائېرىسىنىڭ چەكلىنىش باسقۇچىغا بىرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىغان سوۋىت ھۆكۈمىتى 1983-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىك ئىدارىسى بولغان ك گ ب بىلەن ئەندجان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىرلىشىپ، ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرلىدۇ. داڭلىق جاسۇسلۇق ۋە ئىدئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىژتىمائى ۋە سىياسى قىلتاقلىرى بىلەن پەردىلەنگەن سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانى يولىنىڭ يوللۇقلىغىنى جاكارلايدۇ. بارلىق سوراقچىلارنى بىردەك مات قىلغاندىن كىيىن، خەلىق ئاممىسىنىڭ غەزىپىگە قىلىشتىن ئەنسىرىگەن نوپۇزلۇق بىرسىنىڭ تەستىقىلىشى ئارقىسىدا قويۇپ بىرىلىدۇ. ئەمما ئۆي ۋە مەدرىس ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىنىشى توختاپ قالمايدۇ. ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىيمۇ قەتئى بوشاشماستىن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىدۇ. ھەتتا ئۆمرىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ئۆزى ئىشەنگەن ئىتىقادنىڭ دەۋەت يولىغا سەرىپ قىلماققا بەل باغلايدۇ. ئەتراپتىكى بارلىق قىرىنداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامى گۈللىنىشنىڭ يىڭى پەللىسىنى ياراتماق ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئىسلامنىڭ دۇنياۋى ئويغۇنۇش دەۋرىگە كىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن سوۋىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ رايىنى ئۇتماق ئۈچۈن ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ بارلىق خەلىق ۋە مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىننىي ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش بەلگۈلىمىلەرنى چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئىمكان ۋە شەرىت-شارائىتلارنىڭ ئاكتىپ پايدىلانغۇچىلىرى ۋە ئاۋاز قوشقۇچىلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئابدۇۋەلى قارىي بىر كىشىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، 1885-يىللىرى ياسالغان ئەنجاندىكى (تەخمىينەن 4مىڭ كۇۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى) سوۋىت ھۆكۈمىتى دەۋرىدىن باشلاپ ئىسكىلات قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان بۆيۈك جامىي مەدرىسە مەسجىدىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش قۇرۇلىشىغا خەلىق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ.
جامىي ئېچىلىپ بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئابدۇۋەلى قارىي خەلق تەرىپىدىن تاللىنىپ بۇ مەسجىدنىڭ ئىمام خاتىپلىقىغا سايلىنىدۇ.
كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىز تۈزۈلمىلىرىدىن زىرىككەن ئىنسانلار بۇ قىتىمقى بىرلەشمە ھەركەتتىن كىيىن ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كىلىپ جانلىنىشقا باشلىغان جامىي مەدرىسە مەسجىدىدە بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ ۋە ئابدۇۋەلى قارىينىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ھىدايەتلىنىپ، ئىسلامىي چۈشەنچىلىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەقلى ۋە قەلبى ساغلام بولغان سانساناقسىز كىشىلەر ئىسلامنى چۈشۈنىشكە ۋە ئىمانغا ئىنتىلىشكە باشلايدۇ-دە، تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىۋاتقان يۇرت خەۋىرى يىراقلارغا قەدەر يىتىپ بارىدۇ.  
ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تەۋسىيەسى بىلەن مەسجىد ھويلىسىدا ئىچىلغان ئاممىۋىي دەۋەت دەرسىلىكىگە ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈمھۇرىيەتلەردىنمۇ، روسىيە پىدراتسىيۇنىغا تەۋە يىراق كاپكاز قىشلاقلىرىدىنمۇ ۋە ھەتتا تاتارىستان تۇپراقلىرىدىن تارتىپ ئوكرائىيناغىچە بولغان رايۇنلاردىن ئىخلاسمەن كىلىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە كەلگەن ئامما ئىچىدىن 200 ئارتۇق ياشلارغا پەن بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس دەرىس بىرىدۇ. ئابدۇۋەلى قارىينىڭ دەرسىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 2000دىن 10000غا قەدەر بولۇپ ئۇلارنىڭ 70% ياشلاردىن تەركىپلەنگەن ئىدى.
يۇرت ئىچى-سىرتىدىكى دۇنياغا كەلگەن ئىسلام ھەركەتلىرىدە ئالاھىدە رول ئويناۋاتقان مەشھۇر ئالىم-ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، دۇنياۋى قىرىنداشلىق تورى شەكىللەندۈرۈشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى ئاكتىپلىق بىلەن باسقان ئابدۇۋەلى قارىي، ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى، مۇھەممەد قۇتۇپ، ئابدۇلئەزىز بىنباز، مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن، ئەبۇ بەكىر جەۋائىرى، ئابدۇلمەجىد زىندانىي مۇھەيسىنىي، سەئىد قەھتانىي قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆلىمالار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت باغلايدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ئاڭلىغان سەئۇدى پادىشاھى فاھد ئالىمغا چوڭ بىر كۈتۈپخانا ھەدىيە قىلىدۇ.
خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن جىنىنىمۇ ئايىمايدىغان ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تاجىكىستاندا سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقان ۋە ھەر قاچان يۈز بىرىش ئىھتىمالى چوڭ بولىۋاتقان سۈننىي ۋە شېيئەلەر ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشىنىڭ چوڭۇيۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، تاجىكىستان مۇخالىپەتچىلىرىگە مەكتۇپ يوللايدۇ. ئالىمنىڭ بۇ خىل ھەركەتلىرىدىن راھەتسىزلىنىۋاتقان ۋە بۇ خىل توقۇنۇشلاردىن پايدا ئىلىش ئۈمۈدىدە بولىۋاتقان ھۆكۈمەت ئابدۇۋەلىي قارىيغا ۋە جامىي ئەھلىگە قارشى تۈرلىك ئىسكەنجىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا باشلايدۇ. 1992-يىلى بۇ خىل بىسىم ۋە تەھدىدلەر بارغانسىرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ.  
ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان پىلانلىق تازىلاش ھەركەتلىرىدە جامىينىڭ ياڭراتقۇ ۋە مىكرافۇنلىرى مۇسادىرە قىلىنىپلا قالماي، بارلىق ھوجۇرىلىرى پىچەتلەندى. بۇ خىل تەھدىت ۋە نازارەتلەرنىڭ تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان روھى بىسىم مەسجىد جامائىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئەركىن پائالىيەت ئىلىپ بارالمايدىغان باسقۇچقا كىرىپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئابدۇۋەلىي قارىنىڭ باشلىغان ئىلمىي ۋە دىننىي مائارىپىنىڭ تەرەققىتىنى تىزگىنلەش تىخى ئاياغلاشمىغان ئىدى.
ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىينى ج خ ئىدارىسىگە كەلتۈرۈلۈپ سوراق قىلىشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ھىس قىلغان سوۋىت ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنى ك گ ب نىڭ چاپارمەنلىرى جامىيغا كىلىپ يوشۇرۇن سۆھبەت ئىلىپ بارىدۇ. سۆھبەتتە رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن ئابدۇۋەلى قارىي ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدىكى مەيدانىنى قەتئى ئۆزگەرتمەسلىك قارارىنى جاكارلايدۇ.
1995-يىلى 29-ئاۋغۇست مۇسكۇۋادا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلىقئارالىق بىر يىغىنغا قاتنىشىش مەخسىدىدە يولغا چىققان ئابدۇۋەلى قارىي تاشكەنت ئايرىپورتىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ ۋە شۇكۈندىن ئىتىبارەن ھېچبىر يەردە ئىزدىرىگى بولمىدى. ئۇنىڭ ئازراقلا خەۋىرىنى بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلار سۈرۈشتە قىلغانلار تاھازىرغىچە يوشۇرۇن قەستكە ئۇچراپ كىلىۋاتىدۇ. ياۋلار ئۇنى تۇتۇۋالغان بىلەن ئۇنىڭ دەرسلىرىدىن قالدۇرۇلغان ئۈن-سېن لىنتىلىرى ھەرخىل يوللار بىلەن خەلىق ئارىسىدا كەڭ تارقالماقتا. ئۇ گەرچە غەربىي يۇرتلاردا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى شەرىق يۇرتلىرىدىن تارتىپ دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى تۈرك قىرىنداشلىرى تەرىپىدىن ياڭرىتىلماقتا. ئۇنىڭ ئاۋازى غەربىي يۇرتلاردا چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ باشقا يەرلەردە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ قارشى ئىلىنماقتا.

ئاللاھ ئۇستاز ئابدۇۋەلى قارىيدەك ئالىملىرىمىزنى بىز مۇسۇلمان بەندىلىرىدىن ئايرىمىسۇن. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەھلى-بەيتىگە سانسىز ئەجىر ۋە نېئمەتلەر ئاتا قىلسۇن. ئۇستازنىڭ روھى جەننەتلەردە يايرىسۇن. ئامىن!!!!!!

تۈگىدى.




[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: axiq99 ، ۋاقتى: 13-1-2009 03:50 ]

چوققا
shehide
رەسمىي ئەزا
Rank: 2



UID 6328
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 67
يازما 65
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 4-10-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 07:38  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
مەنمۇ بۇ ئۆلىمارىمىزنىڭ « ئېننىق» تارىخنى بىلىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم ھەم ئىزدىنىۋاتقان.... .ئاللاھ سىزگە كۆپ رەھمەت قىلسۇن ،دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك كاتتا ئەجىرلەرنى بەرسۇن .
داۋامنى ساقلايمەن....





'ئاللاھ' قا يارىسام بولدى!!!
چوققا
9--تەۋبە
رەسمىي ئەزا
Rank: 2



UID 3629
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 116
يازما 114
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 2-12-2007
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 07:53  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
داۋامىغا جىددىي تەشنابىز !

:time: :time: :time: :time: :time: :time:





gunahkarmen
چوققا
yawa~kaptar
ئىشەنچلىك ئەزا
Rank: 3Rank: 3


UID 5346
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 378
يازما 376
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 30
تىزىملاتقان ۋاقىت 26-5-2008
ئورنى سەھرا
ھالىتى توردا يوق
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ئالاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم . ئاخىرنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمەن .





ئى مىھرىبان پەرۋەر دىگارىم
چوققا
tawba99
يېڭى ئەزا
Rank: 1


UID 6820
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 25
يازما 23
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 22-12-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 09:59  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
قىرىندىىشىم ئاللاھ رھمەت قىلسۇن.
ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت،ئىلىمغا بولغان قىزغانلق بولدىكەن ئىلىم ئىلىشتا ھىچ نەرسە توسالغۇ بولالمايدىكەن. ئابدۇۋەلى قارىكا 9ئايدا قۇرئاننى يادىلاپ تامام قىپتۇ.بىزچۇ3يىلغا ھەتتا4يىلغىمۇ سوزلۇپ كىتىپ باردۇ.
ئاللاھ بىزلەرنىڭ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن.
ئاخىرىنى تىزرەك يوللاڭ.

چوققا
julala
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 5929
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 181
يازما 179
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-8-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 20:49  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام : ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن . داۋامىغا ئىنتىزارمەن.

چوققا
Qarim
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



UID 6544
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 409
يازما 407
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 7-11-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 23-12-2008 22:40  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
داۋامىغا ئىنتىزارمەن.





رەببىمىز! بارلىق ماختاشلار ساڭىلا لايىقدۇر.
چوققا
darwan
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 6462
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 35
يازما 33
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 25-10-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 12-1-2009 01:48  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  QQ
ئاخىرىنى يازامسىز يا بىز يازامدۇق؟
ئابدۇۋەلىي دەرسلىرى:http://www.yulghun.com/islam/ders.html

چوققا
fidaiy
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 6968
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 5
يازما 3
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 12-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 12-1-2009 09:20  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
اللە رەھمەت قىلسۇن !!!!!!!!!!!!

چوققا
islamogli786
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 5547
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 112
يازما 110
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 17-6-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 12-1-2009 10:00  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  islamogli786 نى MSN دوستى قىلىش MSN ئارقىلىق islamogli786  بىلەن پاراڭلىشىش QQ
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .بۇ كىشىنڭ تەبلىقلىرى بەك ياخشى .داۋامىغا تەشنا بىز. داۋامىنى يوللىۋېتەرسىز .





رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز
چوققا
axiq99 (axiq99)
ئىشەنچلىك ئەزا
Rank: 3Rank: 3



UID 3484
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 220
يازما 218
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 30
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-11-2007
ئورنى hijran
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 03:53  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ھەممىسىنى جەملەپ قويدۇم. تۆۋەندىكى ئىنكاس خاراكتىردە يوللانغانلىرىنى باشلىقلارنىڭ ئۆچۈرۋىتىشىگە ھاۋالە قىلىش بىلەن بىرگە ھەممەيلەنگە ئاللاھ تىن ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن.

چوققا
hewle
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 6978
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 9
يازما 7
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 07:35  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام  ئاكا(مۇشۇنداق ئاتىسام مۇۋاپىقمۇ بىلمىدىم )ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن .دىمىسۇ خېلى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ ئالىم ئاكاشنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن،ئاڭلاۋاتىمەن،لىكىن ئۆزى توغرۇلۇق تۈزۈك بىر مەلۇمات ،چۈشەنچەم يوق،ئەلۋەتتە ئۆزىنى بىلمىسىمۇ ئۆگەتكەن ئۈگۈتلىرىنى،ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىسا ئۇمۇ بۇلىدىكەن،لىكىن يەنىلا ئۆزى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ ئاندىن ۋەز -كالامىغا ئىشتىراك قىلسا بۇنىڭ ئۈنىمى ئاۋۋالقىسىدىن تېخىمۇ  ياخشى بۇلىدكەن.مەن كۆمپىوتىرىمدا ساقلىۋالدىم ئەمىسە .كىيىن ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .ئىنشا ئاللاھ .
رەھمەت سىزگە .ئاللاھدىن ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!تىنىڭىز سالامەت بولغاي !!!!!!!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !

چوققا
axiq99 (axiq99)
ئىشەنچلىك ئەزا
Rank: 3Rank: 3



UID 3484
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 220
يازما 218
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 30
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-11-2007
ئورنى hijran
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 08:03  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 


QUOTE:
ئەسلى يوللىغۇچى: hewle ، ۋاقتى: 13-1-2009 07:35  
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام  ئاكا(مۇشۇنداق ئاتىسام مۇۋاپىقمۇ بىلمىدىم )ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن .دىمىسۇ خېلى  ...

مۇسۇلمانلار قىرىنداش. بىز ئەزەلدىن ئاكا-ئۇكا ئىدۇق پەقەت ئەمدىلەتىن ھېس قىلىۋاتىمىز.

چوققا
tebiet
رەسمىي ئەزا
Rank: 2



UID 4308
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 63
يازما 61
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 13-2-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 09:26  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ تېمىنى PDF قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم، تۆۋەندىكى ئورۇندىن چۈشۈرۈۋالساڭلار بولىدۇ:
http://sites.google.com/site/teb ... iQariTerjimhali.pdf

چوققا
iradam
يېڭى ئەزا
Rank: 1


UID 6903
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 45
يازما 43
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 4-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 09:29  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ،اللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويماس، ئىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي امىن!!!.

چوققا
islamogli786
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 5547
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 112
يازما 110
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 17-6-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 13-1-2009 20:56  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  islamogli786 نى MSN دوستى قىلىش MSN ئارقىلىق islamogli786  بىلەن پاراڭلىشىش QQ
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن مەن چۈشۈرۋالدىم {ھەقىقەتەن مۆمىنلەر(دىندا)قېرىنداشلاردۇر.





رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز
چوققا
mujalli
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 7020
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 3
يازما 1
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 20-1-2009
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 20-1-2009 07:40  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  QQ
قېرىنداشلار   ماڭا   <  ئابدىۋەلى  قارىنىڭ   >   قۇرئان  كەرىمنىڭ  30  .  پارە  تەپسىرىنى  يوللاپ  بەرسەڭلار
مەن  پەقەت  تاپالمىدىم  .  ئاللا  رىزالىقى  ئۇچۇن  يوللاپ  بىرىڭلار   چ چ   786874163





مۇجەللى
چوققا
ahmad2008
رەسمىي ئەزا
Rank: 2


UID 6261
نادىر تېمىلار 1
جۇغلانما 126
يازما 122
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 23-9-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 20-1-2009 11:13  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
بىر مەزگىل تەخىر قىلساڭلار ، ئاخىرەت ئىسلام مەركىزى  ئابدۇۋەلى قارىنىڭ  تەفسىرىلىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر سەھىپە ئىشلىمەكچى بولۇۋېتىپتۇ  تەپسىلاتىنى شۇ يەردىن كۆرۈڭلار

http://munber.axiret.cn/viewthread.php?tid=52


چوققا
tawba99
يېڭى ئەزا
Rank: 1


UID 6820
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 25
يازما 23
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 22-12-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 26-1-2009 10:19  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ھەق ئىدى ھەق بولغاچقا بۇدىن.
ھەقىقەتچىلەر قورقۇپ قالمىدى قاماقتىن.
قاماق ئۇستىگە قىينالدى ئۇلار تاماقتىن.
شۇنداقتىمۇ يانمىدى ئۇلار تاياقتىن.

ئاللاھ ۇكىشىگە رەھمىتىنى كەڭ قىلىپ بەرسۇن.امن

چوققا
ummugulsum
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 6248
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 37
يازما 35
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 21-9-2008
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 27-1-2009 10:15  ئارخىۋى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش 
ئاللا تااللا  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن   ھەمدە  باشقا  تورداشلارغىمۇ   ئاللا  دىن يولىدا   بۇستەكەم    ئىمان   ۋە  كوپ  ئىلمە  ئاتا  قىلغاي  ئامىن

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT-6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 9-9-2010 03:55

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - Islam munbiri